欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(木某某诈骗案)

2021-09-24 尘埃 评论0

机密★1年

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

 

                                       ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 39- نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى: مۇXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:1991********652101. نوپوسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** يېزا ** كەنىت **-گۇرۇپپا. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى ** بازار ** كەنت **-گۇرۇپپا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. مەدەنىيەت سەۋىيىسى: ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. كەسپى: دېھقان. ئىلگىرى جازالانغان.  ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئەيىبلەنمىگۈچى دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. 

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى   مۇXXنىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن،   ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانون بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلسا كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىندىغان تۈزۈم قوللىنىپ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق. 

ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان پاكىت تۆۋەندىكىچە : 

  ئەيىبلەنمىگۈچى مۇ XX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 14 لەر ئەتراپىدا، ئىدىقۇت رايونلۇق **  سودا بازىرىدا يالغۇز ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ماxxغا ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئۈزۈمنى ئېلىپ بېرىمەن دەپ، ئۈندىدار ئارقىلىق  2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:00 تىن 19 غىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 6 قېتىمغا بۆلۈپ 10000 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئويۇن ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى مۇXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانغا ئۇچرىغۇچى ماxxغا 10000 يۈەن پۇلنى تۆلەپ بەرگەن. 

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى،  تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى مۇXXنىڭ قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 266- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىلگىرى جازالانمىغان، جازالانمىغان، زىياننى تولۇق قايتۇرۇپ تۈگەتكەن، باشقىلارنى ئالداپ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرمىگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، تۆۋىنامە ئىمزالىغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن، قىلمىشى يېنىك، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قاراپ، نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق. 

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ. 

زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top