欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(木某某盗窃案)

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

          ئاقسۇ ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش  54 -( 2020 )نۇمۇرلۇق 

   ئەيىبلەنمىگۈچى مۇxx، ئەر، ئۇيغۇر ، 26 ياش ، كىملىك نۇمۇرى:xxxxxxxx6532261993 يۇرتىxx ۋىلايەت xx ناھيىسىxxكەنتى، كىپلگە بىرلىشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر xxيۇلى  xx-نۇمۇر xx ئارامگاھى، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا  مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە  ئىگە، كەسپى : ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى جىنايەت تاپاۋىتىنى نىقاپلاش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلىككە بىرىلگەن. 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 3 -ئاينىڭ  28-كۈنى ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق  مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەھكىمىمىزگە «جىنايەت گۇماندارى تۇxx ئاقسۇ شەھەر خەلىق بازىرنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان ۋاقىتتا ، ئۆزىنىڭ خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 23:20لەر بىلەن ئىشتىن چۈشۈپ xx بازىرنىڭ ئىچىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشش شىركىتنىڭ ۋاكالتەن ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ سېتىش ئۈچۈن پوكەيگە تىزىپ قويغان زىيانلانغۇچى لى xxنىڭ 130يۈەن قىمىتىدىكى بىردا كۆك چىشلىق سىمسىز تىڭشىغۇچ بىلەن 7130يۈەن قىمىتىدىكى 9دانە تىلفۇننى (كۆك رەڭلىك VIVO ، قىزغۇچ رەڭلىك OPPO ماركىلىق تىلفۇن، كۆك رەڭلىك VIVO ماركىلىق تىلفۇن ، قارا رەڭلىك VIVO ، قىزغۇچ رەڭ VIVO ،كۆك رەڭلىك HUAWEI ماركىلىك تىلفۇن ، قارا رەڭلىك HUAWEI تىلفۇن، ئالتۇن رەڭلىك HUAWEI ماركىلىق تىلفۇن، كۈلرەڭ xiaomi ماركىلىق تىلفۇن) ئوغۇرلاپ 130يۈەن قىمىتىدىكى سىمسىز تىڭشىغۇچنى يۈتتۇرۋەتكەن، 780 يۈەن قىمىتىدىكى كۆك رەڭلىك VIVO ماركىلىق تىلفۇننى ئەتىسى سەھەر سائەت 03:00لەر بىلەن «xx»چايخانىسنىڭ ئالدىدا ئەxxكە 350 يۈەنگە، سائەت 11:30لار بولغاندا xx سودا سارىينىڭ ئالدىغا بىرىپ 1250يۈەن قىمىتىدىكى  OPPO ماركىلىق تىلفۇن پەxxغا 600 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. 780يۈەن قىمىتىدىكى بىر دانە  كۆك رەڭلىك VIVO ماركىلىق تىلفۇن ئۈزى ئىشلەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى جىنايەت گۇماندارى مۇxx ھەxxنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن گۇماندار تۇxxنىڭ 6دانە (1560يۈەن قىمىتىدىكى ئىككى دانە VIVOماركىلىق تىلفۇن، 510يۈەن قىمىتىدىكى بىردانە خۇڭمى تىلفۇن، 2250 يۈەن قىمىتىدىكى ئۈچ دانە HUAWEIماركىلىق تىلفۇن) تىلفۇننى بازار باھاسدىن پەۋقۇللادە تۆۋەن باھادا ئىكەنلكىنى بىلىپ تۇرۇپ، پايدا ئېلىش مەخسىتىدە 4320يۈەن قىمتىدىكى تىلفۇننى 1250يۈەنگە سىتىۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.جىنايەت گۇماندارى مۇxxىنىڭ يۇقارقى قىلمىش «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرۇيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 312-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ جىنايەت تاپاۋىتىنى نىقاپلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق»دەپ پاكىتى بېكىتىپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان .

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بېكىتكەن جىنايەت پاكىتىنىڭ پاكىتى ئېنىق ئەمەس،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ئەمەس ،ئەيىپلەشنىڭ شەرتىگە توشمايدۇ دەپ قارىدى ،شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مۇxxنى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدى . 

     ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ .زىيانلانغۇچى تەرەپ  قايىل بولمىسا 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئىلتىماس قىلماي ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز بەرسىمۇ بولىدۇ .

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

  2020 -يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى   

   

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top