ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 11- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى: بXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى6521011973********:، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە. تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزا ** مەھەلە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق. كەسپى: دېھقان. سىياسى قىياپىتى: ئامما. بۇرۇن جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بېرىلگەن. 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى بXXنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانون بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق؛ ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانون بويىچە سوئال سورىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق. ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق.
ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان پاكىت تۆۋەندىكىچە :
ئەيىبلەنمىگۈچى بXX2018-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 4:00لەر ئەتراپىدا، ئىدىقۇت رايۇنى ** يېزا ** مەھەللە **-گۇرۇپىدىكى ئەXXنىڭ ئۈيىگە ئوچۇق تۇرغان ئىشىكىدىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى تامغا ئېسىق تۇرغان سومكىنىڭ ئىچىدىن 2200 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن بىر جۈپ ئالتۇن ھالقىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ، زەگەرخانىغا ئاپىرىپ 2240 يۈەنگە سېتىپ 100 يۈەن پۇلىنى خەجلەپ تۈگەتكەن. ئەيىبلەنمىگۈچى بXX تۇتۇلغاندىن كىيىن 2240 يۈەن پۇل تۇتۇپ قېلىنىپ زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇلغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، ئەيىبلەنمىگۈچى بXXنىڭ قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. ئەيىبلەنمىگۈچى ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغۇرلۇق سوممىسى كۆپرەك بولۇپ، 2200 يۈەن، زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن. ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئېتراپ قىلىدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، تۆۋىنامە ئىمزالىغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىغا ئاساسەن، قىلمىشى يېنىك، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ قاراپ، نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى چىقاردۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论