تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2020) 37-نۇمۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى پاXX، ئايال، ئۇيغۇر، 1991-يىلى **-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى:1991 ********654101، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھەر ** بازىر **-كوچا **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، بۇ قىتىم ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2019– يىلى 01- ئاينىڭ 22-كۈنى **شەھەرلىك ** ج خ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويىلىپ، 2019-يىلى 02-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىللىككە بېرىلگەن. مەھكىمىمىز تەرىپىدىن 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 24-كۈنى كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن.
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى پاXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 01- ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانون بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى بىر قىتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ، سۈرۈكىنى قانۇن بويىچە 15 كۈن ئۇزارتىپ، تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.
مەھكىمىمىز قانون بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلىغان جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە:
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئەيىبلەنمىگۈچى پاXX ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئۈندىدار سالۇنىغا ئۆزىنىڭ بانكا قەرزى بېجىرىىپ بېرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ساختا ئېلان بەرگەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى خەXX ئەيىبلەنمىگۈچى پاXXنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇپ، ئۈندىداردا زىيانلانغۇچى خەXX ئۆزىنىڭ بانكا قەرزى بىجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئەيىبلەنمىگۈچى پاXXگە ئېيتقاندىن كېيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى پاXX بانكا قەرزى بېجىرىش ئۈچۈن زىيانلانغۇچى خەXXنىڭ كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى خەXX كاپالەت پۇلى ئۈچۈن ئەيىبلەنمىگۈچى پاXXگە ئۈندىداردا ھېساۋات يۈتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 5900 يۈەن پۇلنى ئېتىپ بەرگەن، ئەيىبلەنمىگۈچى پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ زىيانلانغۇچى خەXXغا بانكا قەرىزنى بېجىرىپ بەرمىگەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى پاXX ئالداپ ئېلىۋالغان 5900 يۈەن پۇلنى زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
يۇقارىقى جىنايى پاكىتنى : زىيانلانغۇچىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق ماتىرىيالى، تونۇتۇش خاتىرىسى، تۇتۇپ قېلىنغان بويۇملار تىزىملىكى، ئۈندىدار ھېسابات خاتىرىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى پاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي، باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ؛ دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت. ئەيىبلەنمىگۈچى پاXX نى قانۇن بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك ئىدى، لىكىن، ئەيىبلەنمىگۈچى جىنايىتىنى ئەينەن، راستچىللىق بىلەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان، جازانى قۇبۇل قىلغان، قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ تۆۋىنامە يازغان، زىيانلانغۇچىنىڭ بارلىق زىيىنىنى تۆلەپ قايتۇرغان. شۇڭا، ئەيىبلەنمىگۈچى پاXX <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› نىڭ 15-ماددىسى ۋە 177- ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئىلتىماس ئەرز سۇنماي، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلىشقىمۇ ھوقۇقلۇق.
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 03-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论