欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(帕某某妨害公务案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

              ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)  70-نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى پەXX، ئەر، ئۇيغۇر،   35ياش، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6529011985، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى : ئاقسۇ شەھرى، ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر XX كوچا XX يولى XX ئولتۇراق رايونى XX بىنا XX ئىشىك XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىل 9-ئاينىڭ 26-كۈنى  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 2- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان .  

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى پەرھات مۇختەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى (2020) 1469-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

ئەيىبلەنمىگۈچى پ XX 2020- يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى 11لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر XX كوچا XX ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە جايلاشقان «XX تاماقخانىسى»دا ناشتىلىق قىلىش جەريانىدا ئايالى مXXغا تېلىفۇن قىلىپ يۇقىرى ئاۋازدا : « ئەXXنى تۇتقان گۇينىڭ ئىسمى نىمىتى ؟XXپەيسودىكى، ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتېرنى تەكشۈرۈپ گوباۋ دادۈيدىن دەپ ئەنزە ئىشلىگەن كىمتى ئىسمى ؟ XX تەرەپتىن باۋخۇفېي ئالغىلى تۇرۇپتۇ ،XX پەيسودىن» دىگەن گەپلەرنى قىلغان. XX يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئاXX ، تXX ۋە ياردەمچى ساقچى ئاXX قاتارلىقلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان. كىرىستال يولى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ئاXX، تXX ۋە ياردەمچى ساقچى ئا XX قاتارلىقلار ئەيىبلەنمىگۈچى پXXنىڭ زادى كىملىكىنى، نىمىشقا بۇنداق گەپلەرنى قىلدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تامىقىنى يەپ بۇلۇپ ئاشخاننىڭ سىرتىدا ئەيىبلەنمىگۈچى پXXنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇرغان . ئەيىبلەنمىگۈچى پXX تامىقىنى يەپ بۇلۇپ ئاشخاندىن چىققاندىن كېيىن ساقچى ئا XX پ XXگە « تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىغانلىقىنى كىملىكىنى چىقىرىشنى ئېيتقان، ئەيىبلەنمىگۈچى پ XX كىملىكىنى ساقچىلارغا بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار غا قاراپ : «ھەر قايسىڭنىڭ دەستىدىن ئاشخانىغا كىرىپمۇ خاتىرجەم تاماق يىگىلى بولمايدۇ ،تاماق يىگەن گۇناھمۇ ،مېنى نىمە قىلغانغا تەكشۈرىسەن » دەپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشماي ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەرگەن، ساقچى ئاXX ئەيىبلەنمىگۈچى پ XX نىڭ كەيندىن ئەگىشىپ XX خەلىققە قولايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئەيىبلەنمىگۈچى پ XX گە توختاپ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش توغۇرلۇق ئاگاھلاندۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى پ XX ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشماي يۇقىرى ئاۋازدا : « سەن ساقچىلار فورما كىيۋېلىپ خەلىقنى بۇنداق ئەزمە، سەن فورمىنى كىيۋېلىپ خەلىقنى بۇنداق ئەزمە، تۆت يىل بولدى ھەرقايسىڭ فورما كىيۋېلىپ جاھان سوراپ خەلىقنى ئەزگىلى، ھەر قايسىڭنىڭ دەردىدە ئاشخانىغا كىرىپ خاتىرجەم تاماق يىگىلىمۇ بولمامدا، تاماق يىگەنگە نىمىگە گەپ سورايسەن، ئە XX نىمۇ ( گۇماندارنىڭ تاغىسى) مۇشۇنداق بىر تەرەپ قىلدىڭلار شۇنداقمۇ، بىر رايوندىكى پۈتۈن خەلىقنى ساتقاندەك ھالەتتە ئىش بېجىردىڭلار، مۇشۇ XX پەيسودىن، ئۇنداق قىلماڭلار، ساقچىنىڭ ئىناۋىتىنى ساتماڭلار بالىلار، مەن بىر كارخانچىنىڭ بالىسى بۇلۇپ قالغان گۇناھ ئەمەس، بالىلار ئۇنداق قىلماڭلار، چەتئەلگە چىقىپ كىرىپ ئويناپ يۈرگەن ئادەمنى تەكشۈرۈڭلار» دېگەن گەپلەرنى قىلىپ ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشمىغان . 

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى پ XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 277-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى پXX ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى پ XXنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى پ XXنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن. شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى پ XXنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top