欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(居某某危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

       ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020)59-نومۇرلۇق 

     ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxx ، ئەر، ئۇيغۇر، 45 ياش، كملىك نومۇرى:  xxxxxxxx6529011974، ئالىي تېخىنكوم مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر ، ئولتۇرقى : ئاقسۇ شەھەر xx ئولتۇراق رايونى xx-قارار xx-بىنا xx-كۇرپۇس xx-نۇمۇر، كادىر،  ئىلگىرى جازالانمغان. 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن .

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxxنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى (2019) 1417-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دېلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

   ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەر xx بازار xx مەھەللىسىگە توختىتىپ قويغان 新Nxxxxنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 02:10 لەر ئەتراپىدا ئاقسۇ شەھەر xx بازار zz-كەنىتكە كەلگەندە ،شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، تەكشۈرگەندە 100 مىللىلىتر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 107.11 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان .

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxxىنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق دەلىل ئىسپات تۇلۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxx ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxxنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى جۈxxنىڭ جىنايىتى يىنىك، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلمىگەن شۇڭا قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشىنىڭ زۆرۆريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچى جۈمە تۇردىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرىز بەرسە بولىدۇ.

  

تەپتىش: ئايچولپان ئېزىز

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top