欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(尼某某危险驾驶案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-22 尘埃 评论0

机密★1年

乌什县人民检察院 

不起诉决定书

乌什检一部刑不诉〔2021〕23号 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ئۇ ت جىنايى ئىشلار  ئەيىبلىمەسلىك (2021)  -نۇمۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى ن x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۈرۈمچى شەھىرى xرايۇنى xشىمالى يولى x-نۇمۇر x-بىنا x-كورپوس x-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، xشىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ن xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. 

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت

ئەيىبلەنمىگۈچى ن x 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە xيېزا بازىرىدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 1:00 ئەتىراپىدا 新xنۇمۇرلۇق ئاپتۇموبىلىنى مەست ھالەتتە ھەيدەپ، xيېزا x-كەنىت تەۋەلىكىگە كەلگەندە ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.  

ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، ن xنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 128.11 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن. 

دېلو پاش بولغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچى يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ن xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، ماشىنا ھەيدەش پىراۋىسى بار، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەس، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى. 

 قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغان تەرەپ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.    

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top