欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(存疑不起诉适用)(阿某某寻衅滋事案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-26 尘埃 评论0

温宿县人民检察院

不起诉决定书

温宿县检刑检部刑不诉〔2019〕17号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

  ئو ت ئەيىبلمەسلىك (2019)17 - نومۇرلۇق

ئەيىبلەنمىگۈچى  ئاXX ، ئايال، ئۇيغۇر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۇنى، كىملىك نومۇرى: XXXXXX652922196908، باشلانغۇچ  مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،  دېھقان، XX ناھىيە XX بازار XX كەنىت X-مەھەللە XX0-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۇنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن  كېپىلگە بېرىلگەن.

ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىزدىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە  زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسىگە دەۋادىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى  ئۇقتۇردۇق ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. ئاشكارە تەكشۈرۈش تەرتىۋىنى بېسىپ ئۆتتۇق.  ھازىردىلونى تەكشۈرۈش تاماملاندى.

    ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەكشۇرۇپ ئەيىپلەپ بىكىتكەن دىلو پاكىتى :

    1. ئەيىپلەنمىگۇچى ئاXXنىڭ ئىنىسى  سىXX XX بازار X-كەنىتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەنىت شۈجىسى بولغان مەزگىلىدە، 2010-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا XXبازىرى XX كەنىت X-مەھەللىدىكى غېXX بىلەن غېXXنىڭ ئۆيىدە سەن دۇكان ئېچىپ، كۈندۈزى ھاراق سېتىپ باشقىلارنى ئەمگەك قىلغىلى قويمۇدۇڭ دەپ ئۇرۇشۇپ، غېXX بىلەن غېXXنىڭ ئايالى ئاXXنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن، شۇ ئۇرۇشتا سىXXنىڭمۇ ئاغزى قاناپ كەتكەن، ئەتىسى سىXXنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ئاXX، رXX ، ئاXX، ئوXX، ئاXX، چىXX، رXX قاتارلىق 20ئەتراپىدا ئادەم قولغا كالتەك ئېلىپ XX ناھىيە XX بازار XXكەنىت X-مەھەللدىكى غېXXنىڭ ئۆيىگە بارغان، سىXXنىڭ تۇققانلىرى غېXX ۋە ئايالى ئاXXىنى تىللاپ، سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، غېXX ۋە ئايالىغا تەھدىت سالغان، كېيىن XX بازارلىق ھۆكىمەتتىن، XX ساقچىخاندىن ساقچىلار كېلىپ، توپلاشقان كىشلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ بېسىقتۇرغان.

    2. ئەيىپلەنمىگۇچى ئاXXنىڭ سىXX 2013-يىلى 7-ئاي ئەتىراپىدا، XXبازار X-كەنىت X-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق سەXX X-كەنىت X-مەھەللىدىكى تېرىلغۇ يېرىگە سۇ قۇيىۋاتقاندا، سەXX بىلەن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشقان، ئۇرۇشۇش جەريانىدا سەXX ئۆزىنىڭ سىXXدىن كۈچ جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سىXXنى تىللاپ، قولىدىكى كەتمەننى تاشلاپ، ئاكىسى ئېXXنىڭ ئۆيىگە قاراپ قاچقان، سىXX سەXXنىڭ كەتمىننى ئېلىپ، سەXXنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئېXXنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا سىXXنىڭ ئايالى ئاXX، ئاكسى ئوXX، ئاچىسى ئاXX، بىرلىكتە ئېXXنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغلىغان، سىXX قولىدىكى كەتمەن بىلەن سەXX تاقاپ قويغان تۈمۈر دەرۋازىنى ئۇرۇپ ئاچقاندىن كېيىن سىXX، ئاكسى ئوXX، ئاچىسى ئاXX، ئايالى ئاXXقاتارلىقلار بىللە ئېXXنىڭ ھويلىسغا باستۇرۇپ كىرگەن، بۇنى كۆرگەن سەXX ئاكسنىڭ ئۆينىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ ئىشكنى تاقىۋالغاندا سىXX قولىدىكى كەتمەن بىلەن ئۆينىڭ ئىشكىنى تىپىپ ئېچىپ سەXXنى ئۇرماقچى بولغاندا سەXX سىXXنىڭ قولىدىكى كەتمەنگە ئېسىلىپ كەتمەننى تارتىشىش جەريانىدا، كەتمەن سەXXنىڭ ئېغىزىغا تىگىپ، سەXXنىڭ بىر چىشى سۇنۇپ كەتكەن، سەXXنىڭ ئاپىسى پاXX سىXXنى تارتماقچى بولغاندا، ئاXX سەXXنىڭ ئاپىسى پاXXنى سەن يولدۇشۇم سىXXنىڭ كۆينكىنى تارتىپ يىرتىۋەتتىڭ دەپ تىللاپ شاپىلاق بىلەن ئىككىنى ئۇرغان.

    3. ئەيىپلەنمىگۇچى ئاXXنىڭ ئىنىسى سىXX XX ناھىيە XX بازار X-كەنىتنىڭ شۈجىسى بولغان مەزگىلىدە، 2014-يىلى 8-ئاي ئەتىراپىدا، XX بازار X-كەنىت X-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئەXXنى سەن يىغىن ۋاقتىدا ماڭا پىكىر قىلدىڭ، يىغىننىڭ تەرتىپىنى بۇزدۇڭ دەپ ئۇرغان، ئۇرۇشۇش جەريانىدا، ئىككىلىسنىڭ كىيمىنى يىرتىلىپ كەتكەن، بۇ ۋاقىتتا سىXXنىڭ ئاچىسى ئاXX بىلەن ئايالى ئاXX سەن سىXXنىڭ كىيمىنى يىرتىۋەتتىڭ، سىXX بىلەن تاكالاشتىڭ دەپ، سىXXنىڭ مايكىسىنى ئەXXگە قارتىپ ئاتقان ھەم سەت گەپلەر بىلەن ئەXXنى ھاقارەتلىگەن. 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: مەزكۇر دىلو ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان بولسىمۇ، مەھكىمىمىز يەنىلا ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسنىڭ بىكىتكەن دىلو پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل –ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس ، سوت مەھكىمسىگە ئەيىپلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قارىدۇق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلاردەۋا قانۇنى»نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئاXXنى  ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.

    ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

    زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى ۋە ئائىلە تائاباتى  قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە ئاقسۇۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىۋاستە ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرزقىلسا بولىدۇ.

ئۇنسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top