新疆维吾尔自治区人民检察院阿克苏分院
不起诉决定书
新检阿分一部刑不诉〔2020〕1号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا ش ت ئەيىبلىمەسلىك چىقىش (2020) 1–نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئۈxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65xxxxxxxxxxxx2510 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر xx بازار xxكەنىت xx-گوروپ xx-نومۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسى تەرىپىىدن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ئۈxxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ (2018) 102-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 21- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن دېلونى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلو ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگى ئۇقتۇردى، قانۇن بۇيىچە ئەيىبلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورالدى، دىلودىكى بارلىق دەلىل –ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈلدى.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بېكىتكەن پاكىت:
جىنايەت گۇماندارى مۇxx، ئۈxx قاتارلىقلار 2015-يىلى 10-ئايلاردىن 2016-يىلى 2-ئايغىچە بولغان جەرياندا تاxx، ئاxx قاتارلىقلارغا ھاۋالە قىلىپ پۇل سېلىپ بىرىپ، خوتەن ۋىلايىتى xx ناھىيە xx يېزىسىغا جايلاشقان<<xx>> پاختا پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا پاختا ساتماي تۇرۇپ، تاxx، ئاxx ئارقىلىق مۇxx، ئەxx، جىڭxx، چاڭxx، گوxx قاتارلىقلارنىڭ نامىدا 10339.026توننا پاختا ساتقانلىق توغرىسىدىكى قۇشۇلما قىممەت بېجى تالۇنىنى سېتىۋېلىپ، ئاقسۇ شەھەرxxبازارلىق مالىيە پونكىتىدىن 20574661.74يۈەن پاختا توقۇلما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جىنايەت گۇماندارى مۇxx، تاxxگە ھاۋالە قىلىپ پۇل سېلىپ بىرىپ2015-يىلى10-ئايلاردىن2016-يلى 2-ئايغىچە بولغان جەرياندا، خوتەن ۋىلايىتى xx ناھىيە xx يېزىسىغا جايلاشقان، <<xx>> پاختا پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا پاختا ساتماي، تاxx ئارقىلىق ئېxx، مەxx، شى xx، فەن xx، زىxx، ئاxx قاتارلىقلارنىڭ نامىدا 2196.38توننا پاختا ساتقانلىق توغرىسىدىكى قۇشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىپ، ئېxx(ئايرىم دىلودا تەكشۈرۈلۋاتىدۇ)غا بەرگەن. ئېxx بۇ تالۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئاقسۇ شەھەر xxبازار مالىيە پونكىتىدىن 4370796.2يۈەن پاختا تۇقۇلما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن، بۇ پۇلدىن 2970796.2يۈەننى جىنايەت گۇماندارى مۇxx ئېلىۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئىقتىسادى زىيان ئەسلىگە كەلگەن.
جىنايەت گۇماندارى تاxx2015-يىلى 10-ئايلاردىن2016-يىلى 2-ئايغىچە بولغان جەرياندا، خوتەن ۋىلايىتى xx ناھىيە xx يېزىسىغا جايلاشقان، <<xx>>پاختا پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا پاختا ساتماي، ئۈxx، ئېxx، ئەxx، ۋاڭ xx، مەxx، ئاxx، جىڭ xx، زىxx، شىيې xx، فەنxx، چاڭ xx، تۇxxx قاتارلىقلارنىڭ نامىدا 6000توننا پاختا ساتقانلىق توغرىسىدىكى قۇشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىپ، جىنايەت گۇماندارى مۇxx، ئۈxx قاتارلىقلارغا سېتىپ، جەمئىي 164000يۈەن پايدا ئالغان.
جىنايەت گۇماندارى ئاxx 2015-يىلى10-ئايلاردىن2016-يىلى 2- ئايلارغىچە بولغان جەرياندا خوتەنلىك تۇنىشى ئاxx(ئايرىم دىلودا تەكشۈرۈلۋاتىدۇ)خوتەن ۋىلايىتى xx ناھىيە xx يېزىسىغا جايلاشقان، <<xx>>پاختا زاۋۇتىغا پاختا ساتماي، ئۈxx، ئەxx، مۇxx، گوxx قاتارلىقلارنىڭ نامىدا 3169توننا پاختا ساتقانلىق توغرىسىدىكى قۇشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى سېتىۋېلىپ، جىنايەت گۇماندارى مۇxx سېتىپ، 3169توننا پاختا قۇشۇلما قىممەت بېجى تالۇنىدىكى پاختىنىڭ ھەر كىلوسىدىن 2پۇڭدىن جەمىي63380 يۈەن پايدا ئالغان.
جىنايەت گۇماندارى ئاxx2015-يىلى 10-ئايلاردىن 2016-يىلى 2- ئايلارغىچە بولغان جەرياندا خوتەنلىك تۇنىشى ئاxx(ئايرىم دىلودا تەكشۈرۈلۋاتىدۇ)خوتەن ۋىلايىتى xx ناھىيە xx يېزىسىغا جايلاشقان<<xx>>پاختا پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا پاختا ساتماي، ئەxxنىڭ نامىدا 1000توننا پاختا ساتقانلق توغرىسىكى قۇشۇلما قىممەت بېجى تالۇنى سېتىۋېلىپ، ئەxx سېتىپ، 1000توننا پاختا قۇشۇلما قىممەت بېجى تالونىدىكى پاختىنىڭ ھەر كىلوسىدىن 2پۇڭدىن جەمىي20000يۈەن پايدا ئالغان.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بېكىتكەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئۈxxنى جىنايەت گۇماندارى مۇxx بىلەن بىرلىشىپ دۆلەتنىڭ 20574661.74يۈەن تۇلۇقلىما پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالدى دەپ پاكىت بىكىتىشىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق ئەمەس، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ، قانۇن بۇيىچە دېلونى ئىككى قېتىم قۇشۇمچە تەھقىقلەشكە قايتۇرغان، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قۇشۇمچە تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇپ دېلونى مەھكىمىمىزگە يوللىغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنىلا دېلونىڭ دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس، پاكىتى ئۇچۇق ئەمەس بولغاچقا، مەھكىمىمىز دېلونى ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 175- ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئۈxxنى گۇمان بىلەن ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئۈxx مەزكۇر قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى
(مەھكىمە تامغىسى)
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论