欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(存疑不起诉适用)(柔鲜古丽·阿西木)(公开版)_县人民检察院

2021-09-19 尘埃 评论0

XX县人民检察院

不起诉决定书

XX县检一部刑不诉〔XX〕1号

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

XX ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

XX ج 1-تەپتش بۆلىمى چىقىش (XX)1 -نومۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۈچى ر XX،ئايال،ئۇيغۇر، -XX يىلى  -XXئاينىڭ  -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:6531XXXXXXXXXXXXXX ، كەسپى:دىھقان ، پارتىيە ئەزاسى، ھازىرقى ئولتۇرقى: XX ناھىيە XX يىزا XX كەنىت XX- مەھەللە  -XXنۇمۇر، ئىلگىرى سوتلوق بولمىغان، شاخلىتىپ سىتىش پائالېيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىللەش دېلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن  -XX يىلى - XXئاينىڭ -XX كۇنى XX ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.ھازىر ئائىلىسىدە.

XX   ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى -XXيىلى -XXئاينىڭ XX-كۇنى(XX)XX- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن ئەيىبلەنمىگۇچى XX، XX قاتارلىقلارنىڭ شاخلىتىپ سىتىش پائالېيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىللەش  دىلوسىىنى مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ،جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەنمىگۇچىگە قانۇن بويىنچە بەھرىمان بولدىغان دەۋا ھوقوقىنى ئۇقتۇردۇق ،قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىشنىڭ كەلتۇرۇپ چىقىردىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق ،ئەيىبلەنمىگۇچى ۋە ئاقلىغۇچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى،XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇپ دىلونىڭ بارلىق ماتىريالىرىنى تەكشۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردۇق .

 تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۇچىنىڭ جىنايى قىلمىشى تۆۋەندىكىچە ئىنىقلاندى:

  -XXيىلى  -XXئايدا ئەيىپلەنمىگۇچى XX، XXنىڭ«XX مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» گە4000  يۇەن پۇل تاپشۇرۇپ ئەزا بولسىڭىز XX ماركىلىق بىر يۇرۇش سەككىز تال گىرىم بۇيۇملىرى بىرىلىدۇ، ئۇنۇڭدىن باشقا 4000  يۇەنلىك ياكى 3000 يۇەنلىك ئەزادىن ئىككىنى تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز  1730  يۇەن پۇلنى كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بىرىمىز،270 يۇەن پۇلنى سۇغۇرتىغا تاپشۇرۇپ بىرىمىز، بىز سىزگە بەرگەن 1730 يۇەن پۇلغا 600 يۇەن پۇل تاپشۇرسىڭىز سىزنى شۇپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇتۇپ پىراۋا ئىلىپ بىرىمىز، ناۋادا شوپۇرلۇق ئىمتىھاندىن تۆت قىتىم ئۆتەلمىسىڭىز بىز شىركەتتىن قايتا ئىمتىھاننىڭ پۇلىنى سىزگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بىرىمىز، ئىمتىھاندىن پەقەت ئۆتەلمىسىڭىز ئۈچ يىل ئىچىدە  5000  يۇەن پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرىمىز، 3000 يۇەن پۇل تۆلەپ ئەزا بولسىڭىز XX ماركىلىق بىر يۇرۇش سەككىز تال گىرىم بۇيۇملىرى بىرىدۇ، يەنە 3000 يۇەنلىك ئىككى ئادەم تۇنۇشتۇرسىڭىز ئالتۇن ئۇزۇك، تىلفۇن، توكسىكىلىت قاتارلىق مۇكاپاتنىڭ خالىغان بىرىدىن بەھرىمان بولىسىز ئۇنۇڭدىن باشقا يەنە سىز تۇنۇشتۇرغان ئادەم يەنە  3000يۇەنلىك ئادەمدىن ئىككى تۇنۇشتۇرسا سىزگە 4000 يۇەن پۇل بىرىلىدۇ، بۇ پۇلنى ئەزالىق كارتىڭىزدا جۇغلانما نۇمۇر بولۇپ سىستىمىدا ساقلايدۇ، يەنە ئىككى ئادەمنى تۇنۇشتۇرساڭلار سىلەرگە 7000 يۇەن پۇل بىرىلدۇ، بۇ پۇلنىڭ 3 مىڭ يۇەننى ئەزالىق كارتىڭىزدا جۇغلانما نۇمۇر بولۇپ سىستىمىدا قالىدۇ،3500  يۇەن پۇلنى بانكا كارتىغا ئۇرىدۇ،500  يۇەن پۇلنى باجغا تۇتىدۇ، مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلىساق سىلەرنىڭ سىستىمىدا يىغىلغان پۇلۇڭلار 25 مىڭ يۇەنگە يەتكەندە سىلەرگە ماشىنا سۇۋغا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا 888 يۇنلىك يەنە بىرخىل ئەزا بار ، بۇ ئەزالار 888 يۇەن پۇل تاپشۇرۇپ ئەزا بولغاندىن كىيىن  XX ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىدىن بىر يۇرۇش ئۇچ تال سۇۋغا قىلىنىدۇ، ئۇلار ئەزا بۇلغاندىن كىيىن كەينىگە 888 يۇەنلىك ئەزادىن ئىككىنى تەرەققىي قىلدۇرسا، تۇنۇشتۇرغۇچىغا 400  يۇەن پۇل مۇكاپات قىلىپ بىرىلىدۇ، 100 يۇەن ئەزالىق كارتىڭىزدا جۇغلانما نۇمۇر بولۇپ سىستىمىدا ساقلىنىدۇ، ئاخىردا يىغىلغان پۇل 3000 يۇەن  بولغاندا بىزنىڭ شىركەتنىڭ 3000 يۇەنلىك ئەزاسى بولسا بولىدۇ ياكى بىزنىڭ شىركەت شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىگە تاللا بازىرى ئاچقاندا شۇيەردىن ئۆزەڭلارغا لازىمەتلىك بۇيۇملارنى سىتىۋالساڭلار بولىدۇ دەپ تونۇشتۇرشى بىلەن قىزىقىپ XX كىرىپ بۇ شىركەتنىڭ باش لىدىرى XX سۆزلىگەن دەرسىنى ۋە خ XX، پاXX قاتارلىقلارنىڭ 3 قېتىملىق تەشۋىقاتىنى ئاڭلاپ ئۆزنىڭ ئۆيدىكىلەرنى 6552 يۇەن پۇل تۆلەپ ئەزا قىلدۇرغان  3600 يۇەن مۇئاش ۋە 4 يۈرۈش گىرىم بۇيمى ئالغان. قالغان تەرەققى قىلدۇرغان 17 نەپەر ئادەم پۇللىرىنى ئۆزلىرى تۆلەپ بىر يۇرۇشتىن گىرىم بۇيمى ئالغان .بۇ تۆلگەن پۇللارنىڭ ھەممىسىگە شىركەت تالون يېزىپ بەرگەن قاتارلىق تەرەپلەر تەكشۇرۇپ ئىسپاتلاندى.

   ئەيىبلەنمىگۇچى XX نىڭ يۇقارقى قىلمىشىنى ئەيبىلەنمىگۇچلەرنىڭ، نوپوس ئىسپاتى، سۇرئىتى، ئىقرارى، دىلو پاش قىلىش ماتىرىيالى، پۇل تاپشۇرۇۋىلىش تالۇنى، گۇۋاھچىلارنىڭ كىملىك ئىسپاتى، بايانى، پۇل تاپشۇرغانلىق ئىسپاتى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ.

  ئەيىبلەنمىگۇچى XX نىڭ جىنايتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى.

مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۇچى  XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلارنىڭ قانۇنى «نىڭ 224- ماددىسىدىكى شاخلىتىپ سېتىش پائالىيتىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىللەش جىنايىتى شەكىللىنىشنىڭ شەرتىنى ھازىرلىمغان.  مەھكىمىمىز  دىلونى ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان بولساقمۇ،بۇ دىلونىڭ ئەيىپلەنگۈچىسىنى جىنايەتلىك دەپ بىكىتىشنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ئەمەس  دەپ قاراپ، ئەيىبلەنمىگۇچى  رXX نى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نىڭ -177 ماددىسىدىكى بەلگىلمىگە ئاساسەن گۇمانى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى .

ئەگەر ئەيىبلەنمىگۇچى (داۋاگەر) تەرەپلەر بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۇننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۇن ئىچىدە XX ۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە XX ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز قىلسىمۇ بولىدۇ .

XX ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىشXX :

پۈتۈكچى: XX

XX- يىلى XX- ئاينىڭ  XX- كۈنى

2020年1月19日

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top