温宿县人民检察院
不起诉决定书
温宿县检刑检部刑不诉〔2019〕18号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئو ت ئەيىبلمەسلىك (2019)18 - نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، كىملىك نومۇرى: XXXXXX 652922197002، XX ناھىيە XXبازار XX كەنت X-مەھەللە XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىل 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قانۇن بويىچە ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن كېپىللىككە بىرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXXنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقرىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىزدىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسىگە دەۋادىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيىتىنى ئۇقتۇردۇق ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. ئاشكارە تەكشۈرۈش تەرتىۋىنى بېسىپ ئۆتتۇق. ھازىردىلونى تەكشۈرۈش تاماملاندى.
ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەكشۇرۇپ ئەيىپلەپ بىكىتكەن دىلو پاكىتى :
1. ئەيىپلەنمىگۇچى ئوXXنىڭ ئىنىسى سىXX XX بازار X-كەنىتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى كەنىت شۈجىسى بولغان مەزگىلىدە، 2010-يىلى 10-ئاي ئەتراپىدا XX بازىرى XX كەنىت X-مەھەللىدىكى غېXX بىلەن غېXXنىڭ ئۆيىدە سەن دۇكان ئېچىپ، كۈندۈزى ھاراق سېتىپ باشقىلارنى ئەمگەك قىلغىلى قويمۇدۇڭ دەپ ئۇرۇشۇپ، غېXX بىلەن غېXXنىڭ ئايالى ئاXXنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرگەن، شۇ ئۇرۇشتا سىXXنىڭمۇ ئاغزى قاناپ كەتكەن، ئەتىسى سىXXنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ئەيىپلەنمىگۇچى ئوXX، ئاXX، رXX ، ئاXX، ئاXX، چىXX، رەXX قاتارلىق 20ئەتراپىدا ئادەم قولغا كالتەك ئېلىپ ئونسۇ ناھىيە XX بازار XX كەنىت X-مەھەللدىكى غېXXنىڭ ئۆيىگە بارغان، سىXXنىڭ تۇققانلىرى غېXX ۋە ئايالى ئاXXنى تىللاپ، سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپ، غېXX ۋە ئايالىغا تەھدىت سالغان، كېيىن XX بازارلىق ھۆكىمەتتىن، XX ساقچىخاندىن ساقچىلار كېلىپ، توپلاشقان كىشلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ بېسىقتۇرغان.
2. ئەيىپلەنمىگۇچى ئوXXنىڭ ئىنىسى سىXX 2013-يىلى 7-ئاي ئەتىراپىدا، XX بازار X-كەنىت X-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق سەXX X-كەنىت X-مەھەللىدىكى تېرىلغۇ يېرىگە سۇ قۇيىۋاتقاندا، سەXX بىلەن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشقان، ئۇرۇشۇش جەريانىدا سەXX ئۆزىنىڭ سىXXدىن كۈچ جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، سىXXنى تىللاپ، قولىدىكى كەتمەننى تاشلاپ، ئاكىسى ئېXXنىڭ ئۆيىگە قاراپ قاچقان، سىXX سەXXنىڭ كەتمىننى ئېلىپ، سەXXنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئېXXنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەن، بۇ ۋاقىتتا سىXXنىڭ ئاكسى ئەيىپلەنمىگۇچى ئوXX، ئايالى ئاXX، ئاچىسى ئاXX، بىرلىكتە ئېXXنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغلىغان، سىXX قولىدىكى كەتمەن بىلەن سەXX تاقاپ قويغان تۈمۈر دەرۋازىنى ئۇرۇپ ئاچقاندىن كېيىن ئەيىپلەنمىگۇچى ئوXX، سىXX، ئاXX، ئاXX قاتارلىقلار بىللە ئېXXنىڭ ھويلىسغا باستۇرۇپ كىرگەن، بۇنى كۆرگەن سەXX ئاكسنىڭ ئۆينىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىپ ئىشكنى تاقىۋالغاندا سىXX قولىدىكى كەتمەن بىلەن ئۆينىڭ ئىشكىنى تىپىپ ئېچىپ سەXXنى ئۇرماقچى بولغاندا سەXX سىXXنىڭ قولىدىكى كەتمەنگە ئېسىلىپ كەتمەننى تارتىشىش جەريانىدا، كەتمەن سەXXنىڭ ئېغىزىغا تىگىپ، سەXXنىڭ بىر چىشى سۇنۇپ كەتكەن، سەXXنىڭ ئاپىسى پاXX سىXXنى تارتماقچى بولغاندا، ئاXX سەXXنىڭ ئاپىسى پاXXنى‹‹ سەن يولدۇشۇم سىXXنىڭ كۆينكىنى تارتىپ يىرتىۋەتتىڭ دەپ تىللاپ›› شاپىلاق بىلەن ئىككىنى ئۇرغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: مەزكۇر دىلو ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغان بولسىمۇ، مەھكىمىمىز يەنىلا ئۇنسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسنىڭ بىكىتكەن دىلو پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل –ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس ، سوت مەھكىمسىگە ئەيىپلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 175-ماددا 4-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەنمىگۈچى ئوXXنى ئەيىبلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى ۋە ئائىلە تائاباتى قارارنامىگە قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن 7 كۈن ئىچىدە ئاقسۇۋىلايەتلىك شۆبە تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەيىبلەشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى بىۋاستە ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرزقىلسا بولىدۇ.
ئۇنسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论