شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ج ئەيىبلىمەسلىك(2021) 8– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ش**، ئايال، ئۇيغۇر، ** ياش ،**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:2521 **652123 ، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ** ناھىيىسىدىن، ** ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۇنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ش**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 8- كۈنى (2021) 68-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئەيىبلەنمىگۈچى ش** 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈندىن 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، قانۇنسز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئۈندىدار نۇمۇرى: XAKi_928، ئۈندىدار ئىسمى: ** بولغان ئۈندىدارىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە ۋە ئۈندىدار دوسلىرىغا توردا تىز سۈرئەتتە قەرىز بىجىرىپ بىرىش توغۇرسىدىكى ئېلاننى ۋە توردا قەرىز پۇل ئىلتىماسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ئادەمنىڭ رەسىملىك ئۇچۇرىنى چىقىرىپ، تور ئاممىسىنى قىزىقتۇرۇپ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار كۈنگەي ئولتۇراق رايۇنى 6-بىنا 3- كورپۇس 502-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ت**گە توردا قەرىز بىجىرىپ بىرىش نامىدا، ت**نىڭ 5550يۈەن پۇلىسىنى ئالداپ ئېلۋالغان. ت** ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئۈندىدارى( ئۈندىدار نۇمۇرى: rsqelsamimiyahlaklik، ئۈندىدار ئىسىمى: **)دىن پايدىلنىپ ئۈندىدار پۇل يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق 3350يۈەننى، پوچتا بانكىسىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق 2200يۈەننى ش**نىڭ ئۈندىدارىغا ۋە بانكا ھىسابات نۇمۇرىغا يۆتكەپ بەرگەن، ش** پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قەرىز بىجىرىپ بەرمىگەن ھەم پۇلنى قايتۇرمىغان.
دىلو پاش بولغاندىن كېيىن ش** زىيانلانغۇچى ت**نىڭ 5550يۈەن زىيىننى قايتۇرۇپ بەرگەن، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، زىياللانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى، ش**نىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىممىز؛ ئەيىبلەنمىگۈچى ش**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ش** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ش**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ش**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .
ئەيىبلەنمىگۈچى ش** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
زىياللانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论