欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(塔某某滥伐林木案公开版)_和某某人民检察院

2021-09-21 尘埃 评论0

机密★1年

和某某人民检察院 

不起诉决定书

和某某检公诉刑不诉〔2020〕11号 

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

                                         خېجىڭ تەپتىش جىنايى ئىشلار ئەيىپلىمەسلىك (2020) 11-نومۇرلۇق

    ئەيىبلەنمىگۈچى ت**،ئەر، ئۇيغۇر، 1975-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى: ********6528271975،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان،بۇرۇن جازالانمىغان ،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ **ناھىيە **كەنىت **-گۇرۇپپا ** نۇمۇر ،بۇرۇن جازالانمىغان. 2019 -يىلى 04-ئاينىڭ 04-كۈنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن كېپىللىكە بېرىلگەن. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** كەنىت **-گۇرۇپپا **- نۇمۇر لۇق قۇرۇدا ئولتۇرۇشلۇق.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 10-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق2019-يىلى 07-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچى ت**نىڭ دەل-دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كېسىش دىلوسىنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمسىگە ئەيبلشكە يوللىغان. 2019-يىلى8-ئاينىڭ22-كۇنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمسى باشقۇرۇش تەۋەلىكى بۇيىچە مەزكور دىلونى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە  جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى،دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، بۇ ئارلىقتا ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى،ئۈچ قېتىم دىلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرۈكى ئۇزارتىلدى، ھازىر دىلو تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇرۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

ئەيىبلەنمىگۈچى ت** بىلەن ئە**(ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى) ئىككەيلەن شىرىكلىشىپ 2018-يىلى 01 –ئاينىڭ 14-كۈنى ** ناھىيە ئ** دېقانچىلىق مەيدانى **لىيەندە ئولتۇرۇشلۇق ق**نىڭ (ئايرىم بىر تەرەپ قىلىندى)**دېھقانچىق مەيدانى** يولى **- ھويلا **-نۇمۇرلۇق ئۆينىڭ شەرىق ۋە جەنۇپ تەرىپىدىكى 50 تۈپ ياغاچنى18700 يۈەنگە سېتىۋالغاندىن كىيىن ق**،ئە** ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى ت** ئۈچۈيلەن بىرلىكتە ** ناھىيە** دېھقانچىلىق مەيدانى ئورمانچىلىق پونكىتىغا بېرىپ پونكىت باشلىقىنى ئىزدىگەن،پونكىت باشلىقى ت**بىلەن تىلىفۇندا كۆرۈشكەندىن كىيىن،يازمىچە ئىلتىماس يېزىپ تاپشۇرۇشنى ئىيتقان،شۇنىڭ بىلەن ق** ئىككىسى بىرلىكتە ق**نىڭ تۇنۇشىغا ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى 30تۈپ دەرەخنى كېسىش توغرىسىدا بىر پارچە ئىلتىماسنى يازدۇرغان،ئەتىسى ق** ئۆزى يالغۇز بىرىپ ئىلتىماسنى پونكىت باشلىقى **قا تاپشۇرغان ھەمدە كەسمەكچى بولغان دەرەخنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتىردىكى خەرىتىدە ئورنىنى كۆرسەتكەن.ئورمان پونكىت باشلىقى كۆرسىتىلگەن ئۇرۇندىكى دەرەخلەرنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى دەرەخ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ كېسىشكە قۇشۇلغان. ئە** بىلەن ت**ق**نىڭ ئۆيىدە ق**نىڭ خەۋىرىنى ساقلاپ تۇرغان. ق**ئۆيىگە يىنىپ كىلىپ،پونكىت باشلىقىنىڭ دەرەخلەرنى كېسىشكە قۇشۇلغانلىقىنى ئىيتىپ،دەرەخلەرنى كېسىشكە بولىدىغانلىقىنى دىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئە** بىلەن ت** ئىككىسى ئۆينىڭ يان تەرىپىدىكى يەنى شەرىق تەرىپىدىكى دەرەختىن 27تۈپ دەرەخنى كېسىپ سېتىۋەتكەن،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن جاۋابكار ئە**بىلەن ت**نىڭ ئوتتۇرسىدا كىلىشەلمەسلىك يۈز بىرىپ شىرىكلىتىن ئايرىلىپ كەتكەن.2018-يىلى 12-ئاي مەزگىلىدە، ئە** جاۋابكار ق**نىڭ ئۆينىڭ يان تەرىپىدىكى يەنى شەرىق تەرىىدىكى 3تۈپ دەرەخ ۋە ئۆينىڭ ئالدىدىكى 20تۈپ دەرەخنى كەسمەكچى بولغان، ق**مۇ كېسىشكە قۇشۇلغان،شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى ئۇرۇندىكى دەرەخلەرنى ئە**كېسىپ سېتىۋەتكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  ئورمان جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى (2017)**-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە كەسكەن دەرەخنىڭ دەرەخ تۈرى ئاق تىرەك، جەمئىي 30تۈپ،ھەجىم مىقدارى بولسا 20.9825كۇپ مىتر دەپ بىكىتكەن.

خېجىڭ ناھىيلىك ئورمان ۋە ئوتلاق ئىدارىسى كەسكەن دەرەخنى ق**ىڭ ئىگىدارلىقىنى دەرەخ ،كىسىلگەن ئورمان تۈرى ئىھاتە ئورمان تۈرىگە  تەۋە ، بۇ 30تۈپ دەرەخ ئىچىدىكى  ئۈچ تۈپ ياغاچنىڭ ھەجىم مىقتارى 2.3894 كۇپ مېتىر دەپ ئەھۋال چۈشەندۈرش بىلەن تەمىنلىگەن.

   يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى،باھالاشنامە قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە ،مەزكور دىلونى تەكشۈرۈپ ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلغان بولسىمۇ،بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ ئەيىبلەش پىكىرنامىسدە بىكىتىلگەن ئەيىبلەنمىگۈچى ت**نىڭ جىنايى پاكىتىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار يىتەرلىك ئەمەس،ھازىرقى بار بولغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ئەيىبلەنمىگۈچى ت**نىڭ دەرەخ كىسىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرمەي قەستەن دەرەخ كەسكەن جىنايىتى پاكىتىنى بىكىتكىلى بولمايدۇ.ئەيىبلەش شەرتىگە توشمايدۇ،شۇڭا .شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 175-ماددىسى4-تارمىقىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەنمىگۈچى  ت**قارىتا ئەيىپلىمەسلىك ( نىسپى ) قارارى چىقىرىلدى .

ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا ،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا ،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ،ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ،ياكى بىۋاستە بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئوبلاستلىق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆزى ئەرز قىلسا بولىدۇ.

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

         2020 -  يىلى 02 -  ئاينىڭ 28-  كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top