شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارى
شايار ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020) 22-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى خXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:19XXXXXXXXXX652924، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنت X-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن XXXX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى خXX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 117-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
ئەيىبلەنمىگۈچى خXX 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 0:00 لار ئەتىراپىدا شايار ناھىيە تويبولدى بازىرى لەنگەر كەنت پاختا زاۋۇتىنىڭ ئالدىدىكى خXXنىڭ ئاشخانىسىدا خXX، قXX قاتارلىق 20 نەچچە نەپەر ئادەم بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن، سائەت 1:30 لار ئەتىراپىدا سۇرۇندىن تارقاپ چىقىپ، ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新NXXXXX نومۇرلۇق (بىخەتەرلىك يىللىق تەكشۈرۈش مۇددىتى تۇشۇپ كەتكەن) ئائىلە ماشىنىسىنى مەست ھالەتتە ھەيدەپ ماڭغاندا، شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلىۋاتقان كەنت ساقچىسى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان. باھالاش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچى خXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 95.28 مىللىگرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. دېلو تەكشۈرىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئەيىبلەنمىگۈچى خXX كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن.
مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى خXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارماقنىڭ (2) تارماقچا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى خXX دېلو تەكشۈرىلىۋاتقان باسقۇچتا كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 16-ماددا (5) تارماقچە بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىككە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 171-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلەنمىگۈچى خXXنى ئەيىبلىمەسلىكىنى قارار قىلدۇق.
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论