欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(吾某某涉嫌交通肇事案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)38-نۇمۇرلۇق

   ئەيىپلەنمىگۈچى ئو**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0719********652925، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دىھقان،  ت** ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە پ** يېزا پ** كەنت **- گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى  توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىى جىنايەت گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئەيىپلەنمىگۈچى ئو**نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2021) 16–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە  ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى: 

ئەيىپلەنمىگۈچى ئو** 2020- يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 21دىن 58 ئەتراپىدا، 新NW0171 نۇمۇرلۇق تىجارەت خارەكتىرلىك كىچىك تىپتىكى يولوچىلار ئاپتۇمىبىلىنى ھەيدەپ ، ماشىنىغا 4 نەپەر يولوچىنى ئولتۇرغۇزۇپ ، تامتوغراق يېزىسىدىن توقسۇ بازىرىغا قاراپ ، توقسۇ ناھىيە X338- لىنيە بۇيىچە جەنۇپتىن شىمال يۈلىنىش بۇيىچە سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ يول يۈرۈپ، تاشئېرىق بازار قۇمۇشلۇق كەنت 1- گوروپ تەۋەسى يول بۈلۈكىگە كەلگەندە، ھ** شىمالدىن جەنۇپ يۈنىلىش بۇيىچە ھەيدەپ ماڭغان 新电NZ1613 نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلۇپ ھامۇت ھاسان نەق مەيداندا ئۆلگەن . 

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى (2020) 652925202009590- نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسى ئىتراپنامىسىدە ، بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىدە ئو** ئاساسلىق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ھ** قۇشۇمچە مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ مەسئۇليەت بېكىتكەن . 

 شىنجاڭ  جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)4377-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت نەتىجىسىنى باھالاشنامىسىدا:  ئو*نىڭ  قېنىدا ئىسپىرىت تەركىبى بايقالمىدى دەپ خاتىرلەنگەن .

شىنجاڭ  جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)4378-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرىت نەتىجىسىنى باھالاشنامىسىدا: ھ**نىڭ  قېنىدا ئىسپىرىت تەركىبى بايقالمىدى دەپ خاتىرلەنگەن .

 شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)1789- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا :  1.新NW0171 -نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن新电NZ1613- نۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنىڭ سۇقۇلۇش نوقتىسىدىكى ئورنى، شەرىقتىن غەرىپكە يۈنىلىش بۇيىچە نەق مەيداندىكى يۇل مەركىزى سىزىقنىڭ غەربىگە بىر مىتىر كىلدىغان ئۇرۇنغا جايلاشقان ، جەنۇپ – شىمال يۈنىلىشتىكى ئورنى نەق مەيداندىكى يول يۈزى قالدۇرۇپ كەتكەن سۈركىلىش ئىزى باشلىنىش نوقتىسى ئەتراپىدا. 2. 新NW0171 - نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ھادىسە يۈز بەرگەندىكى سۈرئىتى 54 كىلومىتىر ھەر سائەت  دەپ باھالىغان .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2020)A18- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا : ئۆلگۈچى ھ**نىڭ  ئالدى كۆكرەك قىسىمى ئەتراپى غايەت زور بىسسىز سىرتقى كۇچنىڭ (سۇقۇلغاندىكى) تەسىردىن  كىلىپ چىققان كۆپ ئۇرۇندىن قۇۋۇرغا سۆڭىكى سۇنۇش، ئوڭ- سول ئۆپكە قانىتى ئېغىر دەرىجىدە يېرىلىىشتىن ، ئېغىر دەرىجىدىكى يېپىق خارەكتىرلىك قانلىق يەل كۆكرەك پەيدا بۇلۇپ،  جىددى خارەكتىرلىك نەپەسلىنىش ئىقتىدارى زەئىپلىشىپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ باھالىغان .

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، ئېنىقلاش – تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. 

يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، ئېنىقلاش – تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار. 

مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ئو** ھادىسىدىن كىيىن دىلو مەلۇم قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى ، دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمىدا ئۆلگۈچى تەرەپ ئائىلىسى بىلەن كىلىشىپ كىلشىم ئىجرا قىلنىپ تۈگىشىپ، ئۆلگۈچىنىڭ تۇققانلىرى ئەيىپلەنمىگۈچى ئو**ئۈستىدىن ھەق – تەلەپ دەۋاسى قىلمايدىغانلىقىنى ، ئۇنى كەچۈرگەنلىكىنى ، ئۇنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان . شوڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ-67 ماددىسى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى، 290-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئو**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .

زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .

ئەيىبلەنمىگۈچى ئو** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 12-ئاينىڭ14-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top