欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(吐某某涉嫌危险驾驶案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)31– نۇمۇرلۇق

   ئەيىپلەنمىگۈچى ت**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:0019 *******652925، ئالىي تېخنىكوم مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى،  ت** ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ت** ناھىيە ت**بازار ت***-يولى **-كوچا **-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرغى: ت** ناھىيە ت** بازار ب**ئولتۇراق رايۇنى ** رايۇن **-بىنا ****-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 03-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .

ت**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24- كۈنى (2019) 205-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى ، ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى .

مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.

ت** 2020-يىل 09-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 23:30 ئەتىراپىدا ، توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا ئاق نىلۇپەر خوگوخانىسىدا ھاراق ئىچىپ، 09-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 00:00 ئەتراپىدا دۇكاندىن چىقىپ ، دۇكان ئالدىغا توخۇتۇپ قويغان 新NE6T38 نۇمۇرلۇق  ماشىننى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ ، ماشىنىنىڭ ياردەمچى شوپۇر ئورنىغا ئايالى ئا**نى ئولتۇرغۇزۇپ مېڭىپ ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار كاڭلىيۈەن ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ ئەتىراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ت** ھەيدىگەن ماشىننى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئەيىپلەنمىگۈچى ت**نىڭ  ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كىيىن ،  ت**نى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ت**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 4817-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە: ت**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 102 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى، باھالاشنامە ، ئۈن-سىن ماتىريالى،تۇردى ھەمدۇلنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. 

يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ . 

مەھكىممىز ئەيىبلەنمىگۈچى ت**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇش بەلگىلىمىللىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ133- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى ت** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان ، قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى ت**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى ، شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ (2019)34- نۇمۇرلۇق « شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەش جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى يىتەكچى پىكىرى ( سىناق نۇسخا) نىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ت**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .

توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .

ئەيىبلەنمىگۈچى ت** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .

توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top