شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ت ج ئەيىبلىمەسلىك (2020)36– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى ت**، ئەر، ئۇيغۇر،**ياش(19**-يىلى11- ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان) كىملىك نۇمۇرى: 65292519***0036، ئالى تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى ۋە ئۇلتۇرغى: توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ** يولى **-نۇمۇر **- بىنا **- كۇرپۇس**- نۇمۇر، ئېلگىرى جازالانمىغان. 2020- يىلى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن،
ت***نىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى11-ئاينىڭ12-كۈنى (2021)3-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدى،دېلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرنى تەكشۈردى.مەھكىممىز قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پاكىتلارنى ئېنىقلىدى.
ت***،2020-يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى سائەت10:10ئۆتكەن ئەتىراپدا،ئۆلكە يۇلى S243 – لىنىيە تاشيۇلىدا 新N** نۇمۇرلۇق ماشىنىنى پىراۋىلىق سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ جەنۇپتىن شىمال يۆلىنىش بۇيىچە يول يۈرۈپ ئۆلكە يۇلى S243-لىنىيە 6 كىلومىتىر+ 700 مىتىرلىق ئۇرۇندىكى Tشەكىللىك يول بۆلىكىگە كەلگەندە، تاشئېرىق بازار ** كەنت 3-گوروپ تەۋەلىكىدىكى يولدا شەرىقتىن غەرب يۆنىلىشىدە ئۆلكە يۇلى S243-لىنىيەسىگە كىرىپ سولغا ئايلىنۋاتقان،م*** ھەيدىگەن نۇمۇر تاختىسىز ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇلۇپ، م*** نەق مەيداندا قازا قىلغان ، ھەر ئىككى قاتناش ۋاستىسىدا ئىقتىسادىي زىيان كۈرۈلگەن يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بۇلۇپ،ت*** ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى تۇلۇق تاپشۇرغان.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 6529252005394نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىدە ت*** بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئاساسلىق مەشئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.
بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە،ت** بىلەن م** (قازاقىلغان)نىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسىدا كىلىشىپ بولغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:يازما ئىسپات باھالاشنامە،ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى،ئۈن-سىن ماتىريالى،ت**نىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىممىز ت**نىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قاتناش ھادىسسى پەيدا قىلىپ بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىگە سەۋەپچى بولغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى جىنايىتى شەككىللىندۇ.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك،ئەمما ت**نىڭ ھادىسىدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان، زىيانلانغۇچىدىمۇ قۇشۇمچە مەسئۇلىيەت بار،ت** ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئەتراپتىكلەردىن ياردەم تەلەپ قىلىپ110غا تىلفۇن قىلىدۇرۇپ دىلو مەلۇم قىلدۇرغان ھەم جىددى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 120گە تېلفۇن قىلىپ قۇتقۇزۇش تەرەپدارى بولغان،يارىلانغۇچىنى قۇتقۇزۇش ھەم ج خ ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلغان.ئىلگىرى جازالانمىغان، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار، ھەق تەلەپ قىسمىدا كىلىشىپ تۇگەشكەن، ھۇكۇمەت گۇۋاھلىقتىن ئوتكۇزگەن، تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان،قىلمىشىغا توۋا قىلىپ جىنايىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار، شوڭا «ئالي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاش مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 3-ماددىسى،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ت**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن،ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ،پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچىنىڭ قانۇنى ۋاكالەتچىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئەيىبلەنمىگۈچى ت*** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى12-ئاينىڭ 3-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论