شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ت ج ئەيىبلىمەسلىك(2021)12– نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى گ**، ئايال، ئۇيغۇر، **ياش ، **-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:2422 **654101 ، مەخسۇس كۇرۇس مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، ** شەھىرىدىن، ** شەھەر ** يېزا ** يۇلى **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۇنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
گ**نىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 9- كۈنى (2021) 79-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىنى ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
ئەيىبلەنمىگۈچى گ** 2019-يىلى 9-ئايدا، قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە ئۇزنىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى :aletelak ،ئۇندىدار ئىسمى: ئۇچ تال گۇل بولغان ئۇندىدار دوستلار چەمبىركىگە قەرىز بىجىرىش توغرىسىدىكى تەشۋىقات ئۇچۇرلىرىنى چىقارغاندىن كىيىن، قەرىز پۇل بىجىرىش نامىدا توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزا چولپانباغ كەنىت 2-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئا**نىڭ 18 مىڭ يۈەن پۇلىنى، توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزا غازمەھەللە كەنىت 1-گورۇپ 33-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ق**نىڭ 18 مىڭ يۈەن پۇلىنى، توقسۇ ناھىيە ئۇرۇمچى-قەشقەر يۇلى 12-نۇمۇر 19-كۇرپۇس 3-ئىشىك 203-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق م**نىڭ 6 مىڭ يۈەن( م** ئا**قا 9900 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەن بۇلۇپ، ئا** 3900 يۈەن پۇلنى ئۆزى ئايرىپ ئېلۋالغان) پۇلىنى، ئا**نىڭ ئۈندىدار نۇمۇرى abdu15109 ،ئۇندىدار ئىسمى: ** بولغان ئۇندىدارى ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئالغان، كىيىن م**نىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى:wxid-96qsnaz22rtdl2، ئۇندىدار ئىسمى: mamatjan بولغان ئۈندىدارى ئارقىلىق 10000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغان، بۇ پۇلدىن دىلو پاش بۇلۇشتىن ئىلگىرى يەنى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئا**قا 8000 يۈەننى قايتۇرغان، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن تەھقىقلەش باسقۇچىدا ئا**نىڭ 6 مىڭ يۈەن پۇلىنى، م**نىڭ 16 مىڭ يۈەن پۇلىنى (قالغان 3900 يۈەن پۇلىنى ئا** گ** ئارقىلىق دىلو پاش بولغاندىن كىيىن م**غا بەرگەن) قايتۇرغان، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا ق**نىڭ 18 مىڭ يۈەن پۇلىنى، ئا**نىڭ 4 مىڭ يۈەن پۇلىنى تۆلەپ قايتۇرغان، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، زىياللانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن-سىن ماتىريالى، گۈلمىرە ھەسەننىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى پاكىتلارنىڭ دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تۇلۇق بۇلۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىممىز؛ ئەيىبلەنمىگۈچى گ**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىندۇ. ئەمما ئەيىپلەنمىگۈچى گ** تۇنجى قېتىم دىلو سادىر قىلغان، جىنايىتىگە ھەقىقى توۋا قىلىپ قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرۇدۇ، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن، باشقا ئېغىرلىتىپ جازا بىرىلدىغان ئەھۋاللار يوق، ج خ ئىدارىسىمۇ ئەيىپلەنمىگۈچى گ**نى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارماقنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، گ**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلىدى .
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەيىبلىمەسلىك قارارىدا خاتالىق بار دەپ قارىسا مەھكىممىزنىڭ قايتا قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، پىكرى قۇبۇل قىلىنمىسا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ تەكرار تەستىقىغا سۇنسا بولىدۇ .
ئەيىبلەنمىگۈچى گ** مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
زىياللانغۇچىلار مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەيىبلىمەسلىك قارارىنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئەرىز قىلسا بولىدۇ .
توقسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论