شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۈ ش س ت 2-باشقارما ئەيىبلىمەسلىك [2020] يىللىق:86 - نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى گ**، ئايال،** 19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: **********65302319، ئۇيغۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى ** يولى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 11-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى گ**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى 06-ئاينىڭ 16-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە، ئەيىبلەنمىگۈچىگە بارلىق دەۋا ھوقوقىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 06-ئاينىڭ 09-كۈنى سائەت 03:41 لەردە، ئەيىبلەنمىگۈچى گ** ھاراق ئىچىپ، مەسىت ھالەتتە *****新A نومۇرلۇق ئاپتوموبىلىنى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى يەنئەن يولى رۈيدا سودا سارىيىنىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدىن ھەيدەپ، رۈيدا سودا سارىيىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 128 مىللىگرام ئىسپىرت ماددىسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.
ئەيىبلەنمىگۈچى گ** دېلوغا كەلگەندىن كېيىن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى:
1) يازما ئىسپات: ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق ئۇچۇرى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قېنىنى ئېلىپ تىزىملاش جەدىۋىلى ۋە ئەدلىيەلىك باھالاش ھاۋالەنامىسى، باھالاش پىكىرنامىسىنى ئۇقتۇرۇش قەغىزى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى؛
2) باھالاشنامە: شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات ئاكادىمىيىسى ئەدلىيىلىك تەكشۈرۈپ باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] ****AJ-نومۇرلۇق ئەدلىيىلىك باھالاشنامىسى؛
3) ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى؛
4) نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر ۋە سىن ماتېرىيالى؛
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: ئەيىبلەنمىگۈچى گ**نىڭ دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماشىنا ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنى 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى يىنىك، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلغان، شۇڭا جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، گ**نى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە، مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى سۇنسا بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 07-ئاينىڭ 10-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论