欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(卡某某盗窃案)

2021-09-24 尘埃 评论0

机密★1年

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلىمەسلىك چىقىش(2020) 16–نۇمۇرلۇق

     ئەيىبلەنمىگۈچى ق***، ئەر، ئۇيغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292619**********، باي ناھىيە باي بازىرى *** كەنت 1-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغورلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ***-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن.

      باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ****-يىلى **-ئاينىڭ 4-كۈنى (2020) 82-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۋېلىپ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سوراپ، نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى، زىيانلانغۇچى ئائىلىسدىكلەرنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

 تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : ئەيىبلەنمىگۈچى ق**** 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 21:00لەر ئەتىراپىدا باي ناھىيە ** بازىرى پىيادىلەر كوچىسنىڭ جەنۇبى تەرەپتىكى كىرىش ئېغزدىكى خەيئېر ئائىلە-ئېلكتىر سايمانلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىڭ  ئالدىدىكى ماشىنا توختىتش مەيدانىغا توختىتىپ قويغان زىيانلانغۇچى ت***نىڭ 3200يۈەن قىممتىدىكى قىزىل رەڭلىك، ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئوغورلاپ مىنىپ كېتىپ باي ناھىيە ** بازىرى *** كەنت **-گۇرۇپتىكى ئۆزىنىڭ **-نۇمۇرلۇق ئۆيگە يۇشۇرۇپ قويغان.

دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن .

   يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى، باھالاش خۇلاسىسى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

   مەھكىممىز، ئەيىبلەنمىگۈچى ق****نىڭ  يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بېكىتىشكە بولىدۇ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك ئىدى، بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ق*** ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قلىدۇ، جەمئىيەتكە قايتا خەۋىپ ئېلىپ كىلىش ئىھتىماللىقى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قاۋۇل ھاجىنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

  ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 181-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىممىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.

   زىيانلانغۇچى ئائىلسدىكىلەر مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 180-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا ياكى بىۋاستە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

                 باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

****-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى

ئەسكەرتىش:

   1.مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە ئەيىبلەنمىگۈچى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا، ج خ ئىدارىسىغا، زىيانلانغۇچى ئائىلسدىكىلەرگە بىر نۇسخىدىن يەتكۈزۈلىدۇ.

2.ئەيىبلەنمىگۈچى ھازىر ئائىلىسىدە.

     

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top