欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(卡某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

      قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارى

                        ق ت ج ئەيىبلىمەسلىك[2020]  17-نومۇرلۇق 

ئەيىبلەنمىگۈچى قانامەلۇم ،ئەر،19**-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان ،كىملىك نۇمۇرى 65282619**********، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى:شىنجاڭ كورلا شەھەر ** يولى **-ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆي،نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى:شىنجاڭ قاراشەھەرناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-گۇرۇپپا **-نۇمۇر قۇشۇمچە **-نۇمۇر،ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە تۇرىۋاتىدۇ. 

 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەشكە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئەيىبلەنمىگۈچى  قانامەلۇمنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانۇن بۇيىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقوقىنى، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىپ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ۋە مۇشۇ تۈزۈمنى تەدبىقلاشنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىريالى تەكشۈرۈلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

  2020-يىلى 09-ئاينىڭ 30-كۇنى 01دىن 05مىنۇت ئەتراپىدا ئەيىپلەنمىگۈچى قانامەلۇم، قاراشەھەرناھىيە ** بازارلىق دوختۇرخانىنىڭ ئالدى يول بۆلكىدە ھاراق ئىچىپ B2تىپلىق پىراۋىسىنى ئېلىپ 新M-****R  نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشنى ھەيدەپ ماڭغاندا ،قاراشەھەرناھىيلىك ج خ ئىدارىسنىڭ ساقچىلرى تەرپپدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان .قانامەلۇمنىڭ قان ئەۋرىشىكىسىنى شىنجاڭ جۇڭشىن  ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش نەتىجسىدە 100مىللىتىر قان تەركىۋىدە 105مىللىگىرام ئىسپىرىت ماددىسى باردەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بېكىتشكە بولىدۇ. 

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى قانامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسى 1-تارماقچىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تۇلۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى قانامەلۇم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى. قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يېنىك، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى قىلىندى.

ئەگەر مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھيىلىك

                                    خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

                            2020- يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top