欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(努某某交通肇事案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارى

                ق ت ج ئەيىبلىمەسلىك[2020] XX-نومۇرلۇق 

  ئەيىبلەنمىگۈچى نۇنامەلۇم، ئەر، -19XXيىلى -XXئاينىڭXX-كۇنى  شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيىسدە تۇغۇلغان، كىمىلك نۇمۇرى: 65282619XXXXXXXXXX، نوپۇسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ قاراشەھەر ناھىيە XX بازىرى  XX كەنتىXX-گۇرۇپپاXX-نۇمۇر قۇشۇمچەXX-نۇمۇر.

2020يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى قاراشەھەر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە تۇرىۋاتىدۇ.

ئەيىبلەنمىگۈچى نۇنامەلۇمنىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە: نۇنامەلۇم2020-يىلى01-ئاينىڭ 08-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت13دىن15مىنۇتلار ئەتراپىدا،قارشەھەر ناھىيىسى XX-XلىنىيەXXكىلومىتىرلىق+500مىتىر يول بۆلكىدە،نۇنامەلۇمD2Aتىپلىق پىراۋىسىنى ئىلىپ QXXM-  新نۇمۇرلۇق يىنىك تىپتىكى ئادەتتىكى يۈك ماشىىسىنى ھەيدەپ،چىن نامەلۇمنڭ 新电MXXXXنۇمۇرلۇق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتى بىلەن سۇقۇشۇپ .چىن نامەلۇمنىڭ يارلىنىپ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈشى،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلىشىدەك قاتناش ھادىسىسى سادىر بولغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى، يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بېكىتشكە بولىدۇ. 

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: ئەيىبلەنمىگۈچى نۇنامەلۇم  قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ  ماشىننىڭ سۈرئىتى يولدىكى سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتىدىن ئىشىپ كەتكەن،بۇ قاتناش ھادىسسى سادىر بۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بۇلۇپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تۇلۇق، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىبلەنمىگۈچى نۇنامەلۇم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى. قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يېنىك، جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 37- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى قىلمىشى يېنىك بولۇپ، جازا ھۆكۈم قىلىش زۆرۈرىيىتى يوق. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارماقچسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك قارارى قىلىندى.

ئەگەر مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ.

قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

  2021- يىلى XX- ئاينىڭ XX-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top