欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

不起诉决定书(克某某盗窃案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

沙雅县人民检察院

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ج بىرىنچى بۈلۈم ئەيىبلىمەسلىك چ (2020)  -نۇمۇرلۇق 

ئەيىبلەنمىگۈچى قxx، ئەر، xx19 -يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: xxxxxxxxxx65292419 ، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت x-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2017-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى قxx، يxx (ئايرىم بىرتەرەپ قىلىنغان)لارنىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ش ج خ چىقىش (2017) 139-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى قxx، يxxلار 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا  ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە شايار تۈرمىسىگە بارغاندىن كىيىن، يxxنىڭ ئاچىسى رxxنىڭ قوي قوتىنىغا كىرىپ، 2000.00 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى تۇياق (بىر تۇياق چوڭ، بىر تۇياق كىچىك) قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئەيىبلەنمىگۈچى قxxنىڭ ئىككى چاقلىق قارا رەڭلىك موتۇسىغا ئارتىپ، xx بازىرى xx كەنت x-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئەيىبلەنمىگۈچى قxxنىڭ ئاتىسى رxxنىڭ ئۈيىگە ئاپارغان، ئەتىسى xx بازىرى xx كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق قوي سودىگىرى مxxنى ئۈيىگە باشلاپ كىلىپ كىچىك ئەركەك قوينى 300 يۈەنگە ساتقان، چوڭ ئەركەك قوينى تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنت 8-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق يxxقا 800 يۈەنگە ساتقان، ئاندىن قوي ساتقان 1100 يۈەن پۇلدىن يxx 600 يۈەننى، ئەيىبلەنمىگۈچى قxx500 يۈەننى بۆلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى قىxx «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن مەزكۇر دېلودىكى ئوغرىلىق سوممىسى مىقدارى كۆپرەك دىگەن سومما ئۆلچىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قىxxنى  ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز  قىلسىمۇ بولىدۇ.

 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

 شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

شايار ت ج بىرىنچى بۈلۈم ئەيىبلىمەسلىك چ (2020)  49-نۇمۇرلۇق 

ئەيىبلەنمىگۈچى قېمىردىن رازاق، ئەر، 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652924199603100574، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شايار ناھىيە گەزقۇم يېزا قارادۆڭ كەنت 4-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2017-يىل 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى قېمىردىن رازاق، يۈسۈپ ياسىن (ئايرىم بىرتەرەپ قىلىنغان) لارنىڭ جىنايەت دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ش ج خ چىقىش (2017) 139-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

ئەيىبلەنمىگۈچى قىمىردىن رازاق، يۈسۈپ ياسىن 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە شايار تۈرمىسىگە بارغاندىن كىيىن، يۈسۈپ ياسىننىڭ ئاچىسى رازىيەم قايىمنىڭ قوي قوتىنىغا كىرىپ، 2000.00 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى تۇياق (بىر تۇياق چوڭ، بىر تۇياق كىچىك) قوينى ئوغۇرلاپ چىقىپ، ئەيىبلەنمىگۈچى قېمىردىن رازاقنىڭ ئىككى چاقلىق قارا رەڭلىك موتۇسىغا ئارتىپ، تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنت 3-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ئەيىبلەنمىگۈچى قېمىردىن رازاقنىڭ ئاتىسى رازاق ئابدۇلنىڭ ئۈيىگە ئاپارغان، ئەتىسى تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق قوي سودىگىرى مىجىت رۇزىنى ئۈيىگە باشلاپ كىلىپ كىچىك ئەركەك قوينى 300 يۈەنگە ساتقان، چوڭ ئەركەك قوينى تويبولدى بازىرى ئاقىرىق كەنت 8-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق ياسىن مامۇتقا 800 يۈەنگە ساتقان، ئاندىن قوي ساتقان 1100 يۈەن پۇلدىن يۈسۈپ ياسىن 600 يۈەننى، ئەيىبلەنمىگۈچى قېمىردىن رازاق 500 يۈەننى بۆلۈشۈپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

مەھكىمىمىز ئەيىبلەنمىگۈچى قىمىردىن رازاق «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسىمۇ، لىكىن مەزكۇر دېلودىكى ئوغرىلىق سوممىسى مىقدارى كۆپرەك دىگەن سومما ئۆلچىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، تۇنجى قېتىم دېلو سادىر قىلغان، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشكەن، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايى قىلمىشى يىنىك، جىنايى جازا بىرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قاراپ، «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قىمىردىن رازاقنى  ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى.

ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز قىلسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7 كۈن ئىچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىگە ئىلتىماس ئەرىز قىلىپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ياكى بىۋاستە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرىز  قىلسىمۇ بولىدۇ.

 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top