شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئى ر ت ئەيىبلىمەسلىك (2019)3 -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئىxx ، ئەر ، ئۇيغۇر ، 1998-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى : ********1998652101 ؛ نۇپوسىدىكى ئادرىسى : تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونى **** يېزا **** كەنىت **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ، ئاشپەز ، ئىلگىرى جازالانمىغان ، ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ ، ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى كېپىلگە بېرىلگەن .
ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچىئىxx نىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان . مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ئەيىبلەنمىگۈچىگە قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق ؛ ئەيىبلەنمىگۈچىدىن قانۇن بويىچە سوئال سورىدۇق ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ، دىلو پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېنىقلىدۇق ، ھازىر دىلونى تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇردۇق .
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان دىلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە :
ئەيىپلەنمىگۈچى ئىxx 2019-يىلى 06-ئاينىڭ 02-كۈنى سەھەر سائەت 08:00 لەر ئەتراپىدا ئۆزى يالغۇز ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە تۇرپان شەھەر **** رايونى****يولى *** كوچا **-نۇمۇرلۇق قورونىڭ ئىچىدىن زىيانلانغۇچى ئى****نىڭ بىرىنچى قەۋەت دېرىزە تەرەپكە توك زەرەتلەش ئۈچۈن قويۇپ قويغان 700 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۈمۈش رەڭلىك ئوپپو ماركىلىق يانفۇننى ئوغۇرلىغان كەينىدىن يەنە شۇ ئۆيدە زىيانلانغۇچى ئى***نىڭ ئىككىنچى قەۋەت ياتاق ئۆيدە كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويغان 500 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە قارا رەڭلىك ۋىۋو ماركىلىق يانفۇننى ئوغۇرلاپ ئېلىپ كەتكەن .
دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلانغان يانفۇنلار يىغىۋېلىنىپ ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .
يۇقارقى دىلو پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپاتلار ، ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ۋە دىلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى ، تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۆرىتى ، نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى ، خەرىتىسى ۋە سۆرەتلىرى قاتارلىقلار بار .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق ، مەزمۇنلىرى ئوبىكتىپ راست ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ . ئەيىبلەنمىگۈچىئىxxنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتىغا ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىxxنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي ، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە قانۇنسىز كىرىپ مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللنىدۇ ؛ دىلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راسىت . ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە جازالاشقا تېگىشلىك ئىدى ، لىكىن ، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ جىنايى قىلمىشى يېنىك ، جىنايىتىنى ئەينەن ، راستچىللىق بىلەن تاپشۇرغان ، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ، جازانى قۇبۇل قىلغان ، قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان ، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن . شۇڭا ، ئەيىبلەنمىگۈچى ئىxxنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 177-ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق .
ئەگەر ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا ، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرز قىلسا بولىدۇ .
زىيانغا ئۇچرىغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا ، قارارنامىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرز قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ؛ ئىلتىماس ئەرز قىلماي ، ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ .
ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论