شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ك ت ئەيىبلىمەسلىك 〔2020〕22- نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ھX،ئەر،ئويغۇر،1963-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******63 65292319 ،ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: كۇچا ناھىيە ** ئاھاللەر **-نۇمۇر**-بىنا**-كورۇپۇس**-ئۆي، ئىلگىرى جازالانمىغان.
خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019 - يىلى 11 – ئاينىڭ 08-كۈنى كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕841-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان ئەيىبلەنمىگۈچى ھXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش دېلوسىنى2020-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،2020-يىلى 02-ئاينىڭ 03-كۈنى دىلونىڭ سۈرۈك ۋاقتىنى 15كۈن ئۇزارتتۇق.2020-يىلى02-ئاينىڭ 18-كۈنى1-قېتىم دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق،2020-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتۇرۇپ يوللىدى. 2020- يىلى 04-ئاينىڭ 20-كۈنى دىلونىڭ سۈرۈك ۋاقتىنى 15كۈن ئۇزارتتۇق. 2020- يىلى05-ئاينىڭ 05- كۈنى2-قېتىم دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق،2020-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى قايتۇرۇپ يوللىدى ، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :
ئەيىبلەنمىگۈچى ھX 2019-يىلى11-ئاينىڭ03-كۇنى سائەت21:00 لار ئەتراپىدا كۇچا ناھىيە «**»دا ئX،ئاX،نX،تX،تX قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ھاراقتىن يەتتە بوتۇلكا ئىچكەندىن كىيىن شۇ كۈنى 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى سائەت02لەر ئەتىراپىدا ئۆزلىرى ھاراق ئىچكەن سورۇندىن يېنىپ چىقىپ، «**»نىڭ ئالدىغا توختىپ قويغان ئۆزىنىڭ نامىدىكى 新N*****نۇمۇرلۇق كىچك تىپتىكى دالا ئاپتۇمۇبىلىنى ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ ،كۇچا ناھىيە تەڭرىتاغ يولىدا شەرىقتىن- غەرىپ يۆنلىشتە يۈرۈپ ،** ئوتتۇرا يۇلى بىلەن ** يۇلى كىسشكەن تۆت كوچا ئېغىزغا كەلگەندە شۇ يەردەچارلاش ۋەزىپىسى ئىجىرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان.
شىنجاڭ قاتناش پەن-تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، ھXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg189 دەپ باھالاپ بېكىتكەن.
ئەيىبلەنمىگۈچى ھXنىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللەنسىمۇ بىراق،ھX تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، قىلمىىشغا تۆۋە قىلىدۇ، شۇنداقلا ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلوق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى خۇسۇسى كارخانىلارنىڭ قانۇنى ۋەكىلى،شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرىنى قوغداش توغۇرسىدىكى بەلگىلمىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھXنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا2- تارماق بەلگىلمىسى بويىچە نىسپى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق .
ئەيىبلەنمىگۈچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
زىيانلانغۇچى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرىز سۇنسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر ئەيىبلىمەسلىك قارارىغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە مەمۇرى جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىسى
2020-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论