乌什县人民检察院
不起诉决定书
乌什检一部刑不诉〔2021〕11号
ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى
ئۇ ت جىنايى ئىشلار ئەيىبلىمەسلىك (2021) 11-نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ي x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى x، ئۇچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە x-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ئەيىبلەنمىگۈچى ي xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىبلەنمىگۈچى ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
ئەيىبلەنمىگۈچى ي x 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، سائەت 21:02 ئەتىراپىدا ئۈزىنىڭ 新x-xنۇمۇرلۇق ياغاچ بېسىلغان تەرەكتۇرىنى ئۈچتۇرپان ناھىيە xيېزا x-كەنتتىكى ئۈيىدىن مەست ھالەتتە ھەيدەپ، xيېزا x-كەنىت x-مەھەللە تەۋەسىگە كەلگەندە تىراكتۇرنى كونتىرول قىلالماي يولدىن چىقىپ كىتىپ تىراكتۇر ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
ئەدلىيەلىك باھالاش پىكرىدە، ي xنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 83.89 مىللىگىرام دەپ بىكىتكەن.
ئەيىبلەنمىگۈچى ي x يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
بۇ ھەقتە پاكىت ئوچۇق، دەلىل-ئىسپات راست ھەم تولۇق.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچى ي xنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، تىراكتور ھەيدەش پىراۋىسى بار، جىنايىتىنى تونۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشى كۆرۈنەرلىك يىنىك، ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەس، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 37-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 177-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلىمەسلىككە قارار قىلىندى.
قارارنامىنى تاپشۇرۇۋالغان تەرەپ قارارغا قايىل بولمىسا قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئەرز قىلسا بولىدۇ.
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论