خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
خېجىڭ تەپتىش1-بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلىمەسلىك (2020)20 -نومۇرلۇق
ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******** 6528271984، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: يەككە تىجارەتچى، بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە**بازىرى **كەنىت **-گۇرۇپ **-**-نۇمۇر، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بېرىلگەن، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى **كەنىت **-گۇرۇپ **-**-نۇمۇر ، ھازىر كىپىللىكتە.
ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەيىبلەنمىگۈچىغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. ئەيىبلەنمىگۈچىگە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى. دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا ئەيىبلەنمىگۈچى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى ئىمزالاندى،بۇ ئارلىقتا دىلو تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلمىدى. ئەيىبلەنمىگۈچىنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 19 لار ئەتراپىدا ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**نىڭ دۇستى ئا** ئو**غا تىلفۇن قىلىپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرۇشنى دىگەندىن كىيىن ئۇ**تى ماقۇل بۇلۇپ ئۆزىنىڭ 新M***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىمۇبىلىنى ھەيدەپ دۇستى ئا** بىلەن دىيىشىپ قۇيغان ** ئۇلتۇراق رايۇنى يېنىدىكى" شىياۋما " توخو قۇرىمىخانىسىغا بارغاندىن كىيىن يەنە باشقا بىر ئا** ئىسىملىك تۇنۇش ئۇچىسى بىرگە پاراڭلىشىپ ئۇلتۇرۇش جەريانىدا ،ھاراق ئىچكەن،شۇ كۈنى سائەت تەخمىنەن 23:50 لەر ئەتراپىدا ئۇچىسى ئاشخاندىن قايتىپ چىققاندىن كىيىن ئا**ئىسىملىك دوستى ئاۋال كىتىپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئەيىبلەنمىگۈچى ئو** دوستى ئا**نى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ئالدىدا ھەيدەپ كەلگەن ئۆزىنىڭ 新M***** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتىمۇبىلىنى مەس ھالەتتە ھەيدەپ مىڭىپ خېجىڭ ناھىيە ئاققۇ كۈلى شىمالى يۇلى مەمۇرى ئىشلار بىجىرىش مەركىزىنىڭ ئارقا يۇل بۈلىكىگە كەلگەندە شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان چارلاش چوڭ ئەترىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن چارلاش ساقچىلىرى ئەيىبلەنمىگۈچى ئوسمان تۇختىنى قاتناش ئەترىتى ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش ئۇتتۇرا ئەترىتىنىڭ قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)زەھەرباھالاش ****-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**نىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 95 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن.ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**نىڭ قىلمىشىدىن مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنگە تەۋە بولىدۇ.
يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى،باھالاش پىكىرنامىسى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى،نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،ئەيىبلەنمىگۈچى ئو** ھاراق ئېچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا مەس ھالەتتە ھەيدىگەن، قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.لىكىن ئەيىبلەنمىگۈچى ئو**تى دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان ھەمدە قىلمىشىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان.دىلو سادىر بولغان يولدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئاز ،ئىسپىرىت مىقدارى بەك يۇقىرى ئەمەس،ئىجتىمائىي خەۋىپى نىسپەتەن كىچىك،قىلمىشى يىنىك ،شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 177-ماددىسى2-تارمىقىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىمىزنىڭ قارار قىلىشى بىلەن ئەيىپلەنمىگۈچى ئو**غا قارىتا ئەيىپلىمەسلىك ( نىسپى ) قارارى چىقىرىلدى .
ئەيىبلەنمىگۈچى بۇ قارارنامىگە قايىل بولمىسا ،قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن 7كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى قىلسا بولىدۇ.
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020 - يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论