欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭقەستەنئادەمزەخىملەندۇرۇشدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxئە

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020] 149– نومۇرلۇق 

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

جاۋابكار ئەx، ئەر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1311 ********650105، ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھىرىمىزنىڭ شىمگو رايونى خېرۇڭ كوچىسى 360-نومۇر ‹شۈييۈن كاڭجۈيۈەن› ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى بىلەن بىردەك. 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈرمە سىرتىدا ئىقرا قىلىش قارار قىلىنغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئىلشنى تەستىقلىغان،  شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئىلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 9–ئاينىڭ 18–كۈنى جاۋابكار ئەxنىڭ قەستەن زەخىملەندۈرۈش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 21 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئەكبەرx شەھىرىمىزنىڭ شىمگو رايونى ئارشاڭ شەرقى يولى ‹خۇارۇن ۋەنجىيا› تاللا بازىرىنىڭ يەر ئاستى 1-قەۋەت كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مx بىلەن خىزمەت توغرىلىق تاكاللىشىپ قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مxنىڭ بۇرۇن تەرىپىگە بىرنى ئۇسۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مxنىڭ بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ ئۇۋلىنىش خارەكتىرلىك سۇنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالىشىچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مxنىڭ زەخمىسىنى 2-دەرىجىلىك يىننىك زەخمە دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:

1. يازمىچە ئىسپات. جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى قوبۇل قىلىش تالونى، رەسىملىك چۈشەنچە قاتارلىقلار.

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مەخمۇت تۇنىيازنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھپەت خاتىرىسى.

3. گۇۋاھچى قx، شx، ئاx قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.

4. جاۋابكار ئەxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

5. شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار پەن تېىنىكا باھالاش ئىشخانىسىنىڭ باھالاشنامىسى.

ئابتونۇم رايۇنلۇق 4-دوختۇرخانىسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى.

6. تونۇتۇش خاتىرىسى

7. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرىنىشى ئېلىنغان دېسكا 2 دانە.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئەx باشقىلارنى قەستەن زەخمەلىندۇرۇپ، يىننىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 234 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئەx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قەستەن زەىمىلەندۇرۇش جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسى 3-تارمىقىغا ئاساسەن، يىننىك جازا بېرىلسە بۇلىدۇ. جاۋابكار ئەx ئىلگىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇلۇپ، جازا ئىجرا قىلىنىپ بۇلۇپ 5 يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن، تەكرار جىنايەتچى، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 65-ماددىسىغا ئاساسەن، ئېغىر جازا بېرىلسە بۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمسى

تەپتىش : مىھرىگۈل مىجىت 

                                    سۈبىھى ھۈسەن

2020–يىلى 10–ئاينىڭ 16–كۈنى

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار ئەx ھازىر شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

3. دىلو دىلو ماتىريالى ئىككى توپلام ئەيىبلاشنامە.

4. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دېسكا 4 دانە دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top