شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020] 32– نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار يx، ئەر، ئۇيغۇر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0719********650105، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھىرىمىزنىڭ شىمگو رايونى چىداۋان جەنۇبى يولى شىمالى**- كوچا **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شەھىرىمىزنىڭ شىمگو رايونى ۋېيخۇلىياڭ كۆمۈركان ئائىلىكلەر قوروسى **-بىنا **-زال **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلگەن. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش قىلمىشىغا چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 1–ئاينىڭ 13–كۈنى جاۋابكار يxنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 13:00لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار يx شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايونى كاڭجۈيۈەن ئولتۇراق رايونى 28-بىنا 3-زال 101-ئۆيدە ئا x كە ئىككى بولاق يېشىل رەڭلىك ئۇۋاق چايسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنى ناتاشا دەپ قاراپ 200 يۈەنگە ساتقان نەق مەيداندا ج خ خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، ئۆيىنى قانۇن بۇيىچە ئاختۇرۇش ئارقىلىق 13 بولاق يېشىل رەڭلىك ئۇۋاق چايسىمان گۇمانلىق بۇيۇم (ناتاشا) تىپىلغان، 15 بولاق يېشىل رەڭلىك ئۇۋاق چايسىمان بۇيۇم(ناتاشا)نىڭ ئومومىي ئېغىرلىقى 7.08 گىرام بۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك بويۇملارنى ئانالىز قىلىش مەركىزى زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش مەركىزىنى (2017) 288-نومۇرلۇق باھالاشنامىسى زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ زەھەر تەركىبى تەكشۈرۈپ چىقىرىلمىغان.
يۇقارقى پاكىت تۆۋەندىكى دەلىل–ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ:
1.ئىككى دانە دېسكا
2.جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، ئاختۇرۇش خاتىرسى، ج خ ئورگىنىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇتۇپ قېلىش ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالۇنى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك دەللىل-ئىسپاتنى تۇتۇپ قېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش تالونى، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرسى، ئېغىرلق ئۆلچەش خاتىرسى، ئايرىپ ئېلىش خاتىرسى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى، قويۇپ بېرىش ئىسپاتى قاتارلىق يازمىچە ئىسپاتلار.
3. گۇۋاھچى ئا x نىڭ گۇۋاھلىق سۆزى.
4. جاۋابكار يxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.
5. ئۈرۈمچى شەھەرلىك زەھەرلىك بۇيۇمنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇمنى ئانالىز قىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنغا ئۇيغۇن، مەزمۇنى ئوبېكىتىپ ئەمەلى، پاكىتنى بېكتىشكە يىتەرلىك. جاۋابكار ئەرشىدىن ئەركىن بېكىتىكەن جىنايى پاكىت ۋە ئىسپاتلارغا باشقا پىكرى يوق، شۇنداقلا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلغان.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار يx دۆلەت قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇنسىز ھالدا زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-ساتقان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 347 – ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 4–تارمىقىدىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار يx تەركىۋىدە زەھەر يوق بۇيۇمنى زەھەرلىك بۇيۇم ناتاشا دەپ قاراپ، باشقىلارغا ساتقان، جىنايەتنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 23-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ سېتىش جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار يx ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، بېكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ جىنايى جازانى قوبۇل قىلغان، شۇنداقلا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتىگە قول قويغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 15– ماددىسنى تەدبىقلاش كىرەك. شۇڭا جاۋابكار يxنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 1000 يۈەن شىتراف قويۇشنى تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن:
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمسى
تەپتىش : نۇرئىلى نۇرمەمەت
تەپتىش: مىھرىگۈل مىجىت
2020 –يىلى 4–ئاينىڭ 14–كۈنى
ئىلاۋە :
1. جاۋابكار يx ھازىر شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا.
2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.
3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.
4. دىلو ماتىريالى ئۈچ توپلام ئەيىبنامە بىلەن بىرگە يوللاندى.
5. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ئىسپات بىر دانە يانفون يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论