欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭئوغرىلىقدىلوسىنىڭئەيىبنامىسىxxق

2021-09-19 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئۈ، ش، ت ،1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]77– نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار قxx، ئەر، ****-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 4037********650102،  ئۇيغۇر، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇستا تۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ يۇپۇرغا ناھىيىسى يەكشەنبە بازار يېزىسى توختىكا كەنتى **-گۇرۇپپا **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى قەستەن زەخمىلەندۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسى ھوقوقىدىن 3 يىل مەھرۇم قىلىنىپ، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئوغرىلىققا چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 1-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەشتىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايۇنلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020–يىلى 1–ئاينىڭ 19–كۈنى جاۋابكار قxxنىڭ ئوغرىلىق دىلوسىنى مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 15:50 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار قxx شەھرىمىزنىڭ چىيەنتاڭجاڭ يولى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن 16-يول ئاپتوبۇسقا چىقىپ، ئاپتوبۇستا زىيانغا ئۇچرىغۇچى خو xxنىڭ چاپان يانچۇقىدىن بىر دانە قارا رەڭلىك ‹ئالما› Xxmax تىپلىق يانفوننى ئوغرىلىۋالغان. زاڭ مالنىڭ قىممىتى 4875 يۈەن بۇلۇپ، زاڭ مال زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.

يۇقارقى پاكىت توۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.

1. يازمىچە ئىسپات: جاۋابكارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، تۇتۇش جەريانى، ج خ ئىدارىسىنىڭ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك زاڭ ماللارنى تۇتۇپ قېلىش، قايتۇرۇپ بېرىش تالۇنى، زاڭ مالنى تونۇپ بېرىش رەسىمى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى، قويۇپ بېرىش ئىسپاتى قاتارلىقلار.

2. زىيانغا ئۇچرىغۇچى خو xxنىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرسى.

3. جاۋابكار قxxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى.

4. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مال باھا ئىدارىسىنىڭ دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى باھالاش پىكرى.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار قxx يوشۇرۇش ۋاستىلەرنى قوللىنىپ شەخىسنىڭ بىر قەدەر زور مىقتاردىكى مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 264 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئوغرىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، ئوغرىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار قxx ئىلگىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئىجرا قىلىنىپ بۇلۇپ 5 يىل ئىچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن، تەكرار جىنايەتچى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 65-ماددىسىنى تەدبىقلاش كېرەك. جاۋابكار قxx تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئوغرىلىق قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا  ئەيىبلىدۇق .

ھۆرمەت بىلەن:

ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

تەپتىش: مىھرىگۈل مىجىت 

سۈبى ھۈسەن

2020–يىلى 6–ئاينىڭ 23–كۈنى 

ئىلاۋە :

1. جاۋابكار قxx ھازىر شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.

2. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كېپىللىك خېتى 1 پارچە.

3. ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىش تەكلىپنامىسى.

4. دىلو دىلو ماتىريالى ئۈچ توپلام  ئەيىبلاشنامە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top