欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭئوغرىلىقدىلوسىنىڭئەيىبلىمەسلىكقارارنامىسىxش

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئۈرۈمچى شەھەر شىمگۇ رايۇنلۇق

خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ئۈ، ش، ت، ئەيىپلىمەسلىك [2020] 30–نومۇرلۇق؛

ئەيىبلەنمىگۈچى ش x ، ئايال، قازاق،  ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1243 ********654121، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق ، نوپۇس تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ غۇلجا قارا ياغاچ ناھىيىسى جىرغىلاڭ كەنتى جىرغىلاڭ **-رايون **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوغرىلىق گۇمانى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىماسلىقنى قارار قىلغان، 7-ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگو رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرار جايى نازارەت ئاستىغائېلىنغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمگۇ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2020– يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئەيىپلەنمىگۈچى ش    x ئوغرىلىق ،دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن شۇ كۈنى ئەيىپلەنمىگۇچىگە ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇختۇردۇق،ھەمدە10-ئاينىڭ 11-كۈنى  ئەيىبلەنمىگۈچىنى سوراق قىلدۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:ئەيىبلەنمىگۈچى شx 2020-يىلى6-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشكە يېقىنلەردە تونۇشۇپ قالغان ،زىيانغا ئۇچىرغۇچى ج x بىلەن كۈرۈشۈپ ،ئۇنىڭ ماشىنىسىداغا ئولتۇرۇپ شەھرىمىزنىڭ شىمگو رايۇنى شىخۇڭ شەرقىي يۇلىغا كەلگەندە، زىيانغا ئۇچىرغۇچىنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ ماشىنىدىن چۈشۈش جەريانىدا زىيانغا ئۇچىرغۇچىنىڭ 3333يۈەن قىممىتىدىكى ئالما ماركىلىق iPhoneXR يانفوننى ئوغىرىلىۋالغان،ھەم شۇكۈنى كەچتە ئۆزلىكىدىن زاڭ مالنى  ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغانىپ زاڭ مالنى تاپشۇرغان.

مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە : ئەيىبلەنمىگۈچى ش x قىلمىشىدىن ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن››نىڭ 264– ماددىسىدىكى ئوغىرلىق جىنايىتى شەكىللەنگەن ،ئەمما ئەيىبلەمىگۈچى ش x ج خ ئورگىنىغاىنىدۇ، ئۈزىنى مەلۇم قىلغان، تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشى، جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك، جىنايىتىنى تونۇش پوزۇتسىيەسى ياخشى، زىيانغا ئۇچۇرغۇچىنىڭ زىيىنىنى قايتۇرۇپ،ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن››نىڭ 67–ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. مەھكىمىمىز تۇنجى قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈشى، جىنايى قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك، جىنايىتىنى تونۇش پوزۇتسىيەسى ياخشى، زىيانغا ئۇچۇرغۇچىنىڭ زىينىنى قايتۇرۇپ،ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن » نىڭ 37 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قارىدۇق.شۇڭااپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن»نىڭ 177– ماددىسىنىڭ 2– تارمىقىدىكى بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن ش  x  ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.

ئەيىبلەنمىگۈچى قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

زىيانغا ئۇچۇرغۇچى ئەگەر يۇقۇرقى قارارنامىغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى يەتتە كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇنۇپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ياكى بولمىسا نارازىلىق ئەرز سۇنماي بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

     

   ئۈرۈمچى شەھەر شىمگۇ رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

ئارزىگۈل ھىمىت

ئەخمەتجان تۇردى

2020 – يىلى 10 – ئاينىڭ 20– كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top