欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

نىڭئالدامچىلىقدىلوسىنىڭئەيىبلىمەسلىكقارارنامىسىxئە

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەر  شىمگو  رايۇنلۇق  خەلق  تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى

ئۈ ش ت 1-بۆلۈم ئەيىپلىمەسلىك [2020]11–نومۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx ، ئەر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2617********650102، ئۇيغۇر، مەخسۇس كۇرۇس مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق ، نوپۇستا تۇرۇشلۇق ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى فۇكاڭ كوچىسى ب رايون **-بىنا**-زال **-ئۆي، ھازىر شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايونى فۇكاڭ كوچىسى ب رايون **-بىنا**-زال **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 8-ئاينىىڭ 10-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مېترو ئامانلىقنى ساقلاش شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى مەھكىمىمىز قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مېترو ئامانلىقنى ساقلاش شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىقنى ساقلاش شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2019–يىلى 11–ئاينىڭ 11–كۈنى جاۋابكار ئە x نىڭ ئالدامچىلىق دىلوسىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن شۇ كۈنى ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. ئەيىپلەنمىگۈچىنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. دىلو ئەھۋالى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغانلىقتىن دىلونى ئىككى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق(2019-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە)، تەكشۈرۈپ ئەيىپلەش سۈرىكىنى ئۈچ قېتىم ئۇزارتتۇق(2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە).

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مېترو ئامانلىقنى ساقلاش شۆبىسى تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكەش يوللىغان دىلو پاكىتى: 

2019-يىلى 6-ئايدا ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx  رx  بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن، يالغاندىن ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان نىمكەش ئاپتۇموبىل سودىسىنىڭ پايدىسى يۇقۇرى، مەبلەغ سالسا يۇقىرى قىممەتتە پايدىسىنى ئايرىيدىغانلىقىنى دەپ زx (باشقا ئىسمى خx )، مx  ئىككىسىنى مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇپ، ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كىيىن، زx (باشقا ئىسمى خx )، مx لار مەبلەغ سېلىشقا قۇشۇلغان. 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 14-كۈنى، 6- ئاينىڭ 20-كۈنى زx (باشقا ئىسمى خx )، مx  ئىككىسى جەمئىي ئىككى قېتىم ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx  بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزۈشكەن، ھەمدە ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx نىڭ نىمكەش ئاپتۇموبىل سودىسىغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى-كىيىن ئىككى قىتىم ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx گە ئۈندىدار ئارقىلىق 44500( قىرىق تۆت مىڭ بەش يۈز) يۈەن بەرگەندىن كىيىن، ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx  بۇ پۇلنى ئىشلىتىپ تۈگەتكەن، زx (باشقا ئىسمى خx ) بىلەن مx  ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن پۇلنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم سورىغان بولسىمۇ قايتۇرمىغان.

ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx  2018-يىلى 9-ئايدا رx  بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن، يالغاندىن ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان نىمكەش ئابتۇموبىل سودىسىنىڭ پايدىسى يۇقۇرى، مەبلەغ سالسا يۇقۇرى قىممەتتە پايدىسىنى ئايرىپ بېرىدىغانلىقىنى دەپ رx نى مەبلەغ سېلىشغا قىزىقتۇرۇپ، ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەندىن كىيىن رx  مەبلەغ سىلىشقا قوشۇلغان. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى رx  ئەx  بىلەن نىمكەش ئاپتۇموبىل سودىسىغا مەبلەغ سىلىش كېلىشىمنامىسى تۈزۈشكەن ھەمدە نىمكەش ئاپتۇموبىل سودىسىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۈندىدار ئارقىلىق ئەx گە 48000( قىرىق سەككىز مىڭ) يۈەن بەرگەن. ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx  بۇ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئۆز ئۆيىنىڭ بانكا قەرزىنى تۆلىگەن، رx  ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن پۇلنى قايتۇرۋىلىش ئۈچۈن كۆپ سورىغاندىن كىيىن، ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx  بېسىم ئاستىدا رx كە بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ 11200( ئون بىرمىڭ ئىككى يۈز) يۈەن قايتۇرۇپ بەرگەن.

مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ، ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرغاندىن كىيىن مۇنداق قارىدى، يەنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش مىترو ئامانلىقىنى ساقلاش شۆبىسى بىكىتكەن جىنايەت پاكىتى ئېنىق ئەمەس، دەلىل-ئىسپات تولۇق ئەمەس، مەزكۇر دىلودا مۇكەممەل بولغان دەلىل-ئىسپات زەنجىرى شەكىللەنمىگەن، ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx نىڭ قانۇنسىز ئىگللىۋىلىشتەك سوبىكتىپ قەستەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ ۋە ئەيىپلەنمىگۈچىنىڭ ئورۇنلۇق ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئەيىپلەش شەرتىگە توشمايدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 175-ماددىسىنىڭ 4-تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئەيىپلەنمىگۈچى ئەx نى ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق.

ئەيىپلەنمىگۈچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئىلتىماس ئەرزى قىلسا بولىدۇ.

زىيانغا ئۇچرىغۇچى مەزكۇر قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن يەتتە كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئىلتىماس ئەرزى قىلىپ ئەيىپلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ياكى ئىلتىماس ئەرزى قىلماي بىۋاستە ئۈرۈمچى شەھىرى شىمگو رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

                    2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top