ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۈ، ش، ت، ئە [2019] 112–نومۇرلۇق.
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئوX، ئەر، ****–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى
گۇما ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 2918********653223، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، قاغىلىق ناھىيىسى ‹** ***› خەلقئارا يۈك تىرانسىپورت شېركىتى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خوتەن گۇما ناھىيىسى مۇكۇلا يېزىسى قاقشال كەنتى **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. 2019–يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈنى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چېتىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى تەرىپىدىن كىپىلگە بىرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئاممىۋى قاتناش ئامانلىق ساقلاش شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2019–يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى جاۋابكار ئوXنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش دىلوسىنى مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7:45 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئوX 新Q*****(新Q****挂) نومۇرلۇق ‹دۇڭ فىڭ› ماركىلىق ئېغىر تىپتىكى پىرتسىپلىق يۈك ئاپتومبىلىنى غەرىپتىن شەرىق يۆنىلىشتە ھەيدەپ لىيەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 800m+3515km-G30 لىق ئورۇنغا كەلگەندە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە بىخەتەر ھەيدىمىگەنلىك سەۋەبىدىن، ئالدى سول تەرەپ يولىدا توختاپ قالغان لىX ھەيدىگەن 新A***** نومۇرلۇق ‹دۇڭفېڭ نىسان› ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلى ۋە 新A***** نومۇرلۇق ئاپتوموبىل سول تەرەپ يېنىدىدا تۇرغان ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇچى يەنX (ئۆلگۈچى) بىلەن سوقۇلۇپ يەنXنىڭ نەق مەيداندا ئۆلىشىنى، ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان ماXنىڭ 1-دەرىجىدە ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. قاتناش ھادىسىسى مەسئۇلىيەتنامىسىنى بىكىتىشنامىسىدا جىنايەت گۇماندارى ئوX بۇ قىتمىلق قاتناش ھاسىسىدە تۇلۇق جاۋابكارلىقنى ئۇسىتىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىت توۋەندىكى دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ.
1. جاۋابكار ئوXنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، ئۆلگۈچى، يارلانغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى، جاۋابكار ئوXنىڭ شوپۇرلۇق كېنىشكىسى، تۇتۇش جەريانى قاتارلىقلار ؛
2. گۇۋاھچى ۋXنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى
3. دەۋاگەر لىXنىڭ سۆھپەت خاتىرىسى؛
4. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ماXنىڭ سۆھپەت خاتىرىس؛
5. جاۋابكار ئوXنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى ؛
6. يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ماشىنلارنى تېخنىكىلىق باھالاش دوكلاتى، شىنجاڭ ‹خۇاتۇڭ›قاتناش ھادىسىلىرىنى باھالاش ئورنىنىڭ ئەدەلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسى، شىنجاڭ قاتناش ھادىسىلى تەتقىقات ئەدەلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسى، ئۆلگۈچىنىڭ رەسىملىك كۆرۈنىشى، مېيىپلىق كېنىشكىسى، يول قاتناش ھادىسىسى ئىتراپنامىسى، ئەھۋالدىن چۈشەنچە قاتارلىقلار؛
7. دىلوغا مۇناسىۋەتلىك باشقا دەلىل ئىسپاتلار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئوX دۆلىتىمىزنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئۈلۈپ كېتىشىنى ۋە ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133– ماددىسىدىكى قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇش كېرەك. جاۋابكار ئوX دىلو سادىر بولغاندىن كىيىن تېلفون قىلىپ دىلو مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا نەق مەيداندىن ئايرىلمىغان، ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بۇلۇپ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنى تەدبىقلاش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارنىڭ قانۇن بويىچە جازالىشىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
ئۈرۈمچى شەھەر شىمگو رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش:
تەپتىش: جۈرئەت ئابدۇرسۇل
2019–يىلى 6–ئاينىڭ 13–كۈنى
ئىلاۋە :
1. جاۋابكار ئوX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە ..
2. جازا بېرىش تەكلىبى 4 پارچە.
3. ئاددىي تەرتىپ بۇيىچە سوت قىلىش تەكلىپنامىسى.
4. دىلو ماتىريالى 3 توپلام، ئەيىبنامە بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论