ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞187–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار د****، ئەر، ئۇيغۇر، 1992-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529241992، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسىپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ شايار ناھىيسى *** يېزىسى *-كەنت *-گۇرۇپ **-نۇمۇر، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ شايار ناھىيسى *** يېزىسى *-كەنت *-گۇرۇپ **-نۇمۇر. 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار د****نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئوقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇكات) نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، جاۋابكار د**** ئۈندىداردا «توردا قەرز بېجىرمەن، ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ بېرىمەن، جىفۇباۋنىڭ ئالدىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان سوممىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمەن» دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ يالغان ئېلان چىقىرىپ باشقىلارنى قىزىقتۇرۇپ، بىجىرمەكچى بولغانلاردىن «رەسمىيەت ھەققى» دەپ پۇل ئېلىپ، جىفۇباۋدا ھېساۋات يۆتكەش ئۇسۇلى ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ****تىن 2699 يۈەن، ئا****دىن 700 يۈەن، مە****تىن 749 يۈەن بولۇپ جەمئى 4148 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. جاۋابكار د****نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى؛
2. ئۈندىداردا پاراڭلىشىش ۋە ھېساۋات يۆتكەش خاتىرىسى؛
3. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار د****نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار د****نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار د****نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، پاكىت ئويدۇرۇپ، كۆپ قېتىمدا خۇسۇسىيلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: قۇدۇس قاسىم
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 10–ئاينىڭ 9–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1.جاۋابكار د**** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- قاماقخانىدا قاماقتا.
2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە ج خ دېلوسى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخىدىن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论