كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش ( 2020 ) 91–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار، ئەر،19**-يىل**-ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى: ********6528011968، ئۇيغۇر، تۇلۇق كۇرۇس مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە.سىياسىي قىياپىتى:پارتىيە ئەزاسى. كەسپىي:** شەھەرلىك ** ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: ** شەھەر ** جەنۇبىي يۇلى ** مەھەللىسى*-بىنا *-ئىشىك**-ئۆي ،ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: شىنجاڭ **شەھەر ** جەنۇبى يۇلى يېزا ئىگىلىك ئىگىز بىناسى *-كورپۇس**702-ئۆي،بۇرۇن جازالانمىغان، 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئە**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شۇكۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق، ھەمدە تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئالدۇق، بارلىق دىلو ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار دىلونى تىز كىسىم چىقىرىش تەرتىپى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى سائەت 01:38لەر ئەتىراپىدا، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتەكورلا شەھەر ئىتتپاق شىمالى يۇلى گۈلىستان رېستۇرانى ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا ،توختۇتۇپ قويغان 新M** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى تۈزلەپ توختۇتۇپ قۇيۇش ئۈچۈن ماشىننى ئارقىغا ياندۇرۇش جەريانىدا، شۇ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىدا توختۇتۇپ قويغان 新M** نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىغا سوققان، نەتىجىدە ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بۇزۇلىشىدەك قاتناش ۋەقەسى سادىر بولغان. ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئە** نەق مەيداندىن ئايرىلىپ تەخمىنەن يېرىم سائەتتىن كىيىن نەق مەيدانغا قايتىپ كىلىپ، نەق مەيداننى تەكشۈرىۋاتقان ساقچى خادىملىرىغا ئۈزىنىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
شىنجاڭ خۋاتۇڭ ئەدىلىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى (2018) 5298-نۇمۇرلۇق زەھەرلىك ماددا لابراتۇريېلىك تەكشۈرەش دوكلاتىدا جاۋاپكار ئە**نىڭ قېنىدا ھەر يۈز مىللىلېتىردا197.82مىللىگىرام ئىسپىرىت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى (2018)929562-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى چىقىرىپ ،بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ئە** پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ باھالاپ بىكىتكەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاشنامە، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش سۆرەتلىرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ چىنلىققا ئىگە، ئەيىپلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئە** ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بۇلۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكارئە**نىڭ قاتناش- ترانسپورتنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن،جاۋاپكار ئۈزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67-ماددىسى 1-مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن،يىنىك ياكى يىنىكلىتىپ جازا بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن. شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكار ئە**نى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش :ھاۋاگۈل توختى
گۈلبانۇم قادىر
2020-يىلى01-ئاينىڭ15-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام،10 نۇسخا ئەيىپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
(3) جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئىتراپ قىلىش تىلخېتى بىر نۇسخا
Comments
成为第一个评论者
发表评论
评论