شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) 205- نومۇرلۇق
باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئەXXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652926XXXXXXXXXX، باي ناھىيە باي بازىرى XX كەنت XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋەيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى (بىرلىشپ) بىلەن مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 5000.00 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن، 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 2000.00 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنىغچە كېپىلگە بېرىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى (2020) 62-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئۆزىنى ئاقلاش پىكىرنى ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ، دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.
تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار ئەXX،2019-يىلى12-ئاينىڭ11-كۈنى باي ناھىيە XX ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، زىيانلانغۇچى ئەXX باي ناھىيە XX بازىردىن ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن باي ناھىيە XX ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە بېرىپ، جاۋابكار ئەXX بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆي ئىجارە ئالدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، جاۋابكار ئەXX ئىجارە ئۆي تېپىپ بىردىغانغا ماقۇل بۇلۇپ، زىيانلانغۇچى ئەXXكە ئالدىن پۇل تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئەXX ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار ئەXXگە 3300.00يۈەن ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭدىن كىيىن جاۋابكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئەXXكە ئىجارە ئۆي تېپىپ بەرمەي، زىيانلانغۇچى ئەXXتىن ئالغان 3300.00يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن؛ دېلو پاش بولغاندىن كىيىن 3300.00يۈەن زىيان ئەسلىگەكەلمىگەن.
جاۋابكار ئەXX،2019-يىلى12-ئاينىڭ18-كۈنى باي ناھىيە XX ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، زىيانلانغۇچى شXX باي ناھىيە XX بازىرىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن جاۋابكار ئەXX بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشپ، جاۋابكار ئەXX بىلەن كۆرۈشكەندە، جاۋابكار ئەXX باشقىلار XX ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە سېتىپ بىرشنى ھاۋالە قىلغان باي ناھىيە XX بازىرى XX ئولتۇراق رايۇنى XXبىنا XX ئىشىك XX نۇمۇرلۇق ئۆيگە باشلاپ بىرىپ، ئۆينىڭ يىللىق ئىجارىسىنى 2000.00 يۈەنگە دىيىشكەندىن كىيىن، جاۋابكار ئەXX ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى زىيانلانغۇچى شXXكە بەرگەن، زىيانلانغۇچى شXX ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار ئەXXگە 2000.00 يۈەننى ئاغدۇرۇپ بەرگەن، كىيىن زىيانلانغۇچى شXX مەزكۇر ئۆينىڭ باشقىلار XX ئۆي مۈلۈك شىركىتىگە سېتىپ بىرشنى ھاۋالە قىلغان ئۆي ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، جاۋابكار ئەXXنى ئىزەدپ تاپالمىغان، جاۋابكار ئەXX زىيانلانغۇچى شXXدىن ئالغان 2000.00يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن؛ دېلو پاش بولغاندىن كىيىن 2000.00يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ئەXX،2020 -يىلى3-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچ سائەت 19:00 لەر ئەتراپىدا، XX بازىردا ئولتۇرۇشلۇق ئاXXنى«خىزمەت تېپىپ بېرىمەن»دەپ ئالداپ باي ناھىيە XX بازىرى XXشەھەرچىسىگە جايلاشقان «XX»كىيىم-كىچەك دۇكىنىغا باشلاپ كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئەXXگە ئۆزىنى «XX شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى»، ئاXXنى «شىركەت خىزمەتچىسى» دەپ تونۇشتۇرۇپ «مەن شىركەتكە 250 يۈرۈش شىم-كاستىيۇم ئالىمەن» دەپ زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ دۇكىنىدىن 8808.00 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى يۈرۈش شىم-كاستىيۇم، ئىككى جۈپ ئاياق، ئىككى تال كۆينەك، بىرتال پىدەي،بىر تال گالاستۇك قاتارلىقلارنى ئېلىپ پۇلىسنى «شىركەتكە 250 يۈرۈش شىم-كاستىيۇم ئالغاندا ھىسابلىشىمەن» دەپ8808.00 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى يۈرۈش شىم-كاستىيۇم، ئىككى جۈپ ئاياق، ئىككى تال كۆينەك، بىرتال پىدەي، بىر تال گالاستۇك قاتارلىقلارنى ئالداپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن يۇقارقى دۇكاندىن ئالغان نەرسىلەر دۇكان ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.
جاۋابكار ئەختەم ئەركىن 2020-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى باي ناھىيە XX بازىرى XX كەنىتتىكى ئۆيىدىن XX بازىرغا بېرىش ئۈچۈن زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ تاكسىسىنى كىرا قىلىپ،XX بازىرى XX ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدا تاكسىدىن چۈشىدىغاندا، يېنىدىن بىر دانە ساقچى كىنىشكىسىنىڭ قېپىنى چىقىرىپ زىيانلانغۇچى ئەXXغا «مەن XX ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن، ماڭا جىددىي 600.00يۈەن پۇل بىرىپ تۇرغىن، پۇلۇڭنى مەن كارتامدىن ئېلىپ بىرمەن» دىگەندە، زىيانلانغۇچى ئەXX ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار ئەXXگە 600.00 يۈەن ئاغدۇرۇپ بەرگەن، ئارقىدىن جاۋابكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئەXXغا«ساقلاپ تۇرغۇن دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقاي» دەپ كىرىپ كەتكەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئەXX باشقىلارغا تىلفۇن قىلىپ جاۋابكار ئەXXنىڭ ساقچى ئەمەسلىكىنى بىلگەن ھەم جاۋابكار ئەXX قايتىپ چىققاندىن كىيىن پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، جاۋابكار ئەXX «مەندە پۇل يوق، پۇلۇڭنى ئەتە بىرەي» دەپ قايتىپ كەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ 474.00يۈەن زېينى ئەسلىگە كەلگەن، 126 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ئەXX 2020-يىلى4-ئاينىڭ23-كۈنى باي ناھيە XX بازىرىXXرايۇندىكى بىر ساتىراچخانىدا چاچ ياستىش جەرياندا، ساتراچخانىغا كەلگەن زىيانلانغۇچى ئاXX، ساتراچ قXX قاتارلىقلارغا ئۆزىنى«مەن ئىچكى مۇڭغۇلدىن XX ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە يۆتكۈلۈپ كەلگەن ساقچى» دەپ تۇنۇشتۇرغان ھەم يۇقارقىلارغا ھاراق ئىچىشنى دەپ يۇقارقىلار قۇشۇلغاندىن كىيىن باي ناھىيە XX بازىردىكى XX ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يىيش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى ئاXXغا «ماڭا جىددى پۇل لازىم بۇلۇپ قالدى، پۇل بىرىپ تۇرغىن» دىگەن ھەم زىيانلانغۇچى ئاXXغا ساقچى كىنىشكىسىنىڭ قېپىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئاXX ئۈندىدار ئارقىلىق ئىككى قېتىمدا جاۋابكار ئەXXنىڭ ئۈندىدارغا 1700.00 يۈەن ئاغدۇرۇپ بەرگەن، جاۋابكار ئەXX يۇقارقىلار بىلەن بىرگە ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كىيىن قايتىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن 1700.00يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
مەزكۇر دېلودا دېلو پاش بولغاندىن كىيىن 9282.00 يۈەن زىيان ئەسلىگەن كەلگەن، 7126.00يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، كۆرۈش- ئاڭلاش ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى(تەكرار) شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، بىكتىشكە بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 65- ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.
تەپتىش: ئىسراپىل ئىسكەندەر
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى
پۈتۈكچى: تۇرسۇنگۈل مەمەت
ئىزاھات:
1) بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كىلىشىمنامىسى، بىر نۇسخا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش قارارنامىسى، ئىككى نۇسخا جىنايى ئىشلا قوشۇمچە ھەق تەلەپ ئەرزى ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى، ئىككى دانە پىلاستىنكا بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار باي ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
3) زىيانلانغۇچى شXX، زىيانلانغۇچى XXنىڭ ھەق تەلەپ ئەرىزى بار.
Comments
成为第一个评论者
发表评论
评论