شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020)363-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئ**، ئەر، ئويغۇر، **ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 2519********652925، تولۇق كۇرۇس مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ت** ناھىيسىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ت** ناھىيە ي**بازار بازار كەنت **-گوروپ ***-نۇمۇر، ھازىر: ت** ناھىيە ت** بازار ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس ***-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ئە**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2021) 8–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋاپكار ئە** 2020-يىل 09-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 23:00 ئەتراپىدا ، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى ئوت دېڭىز خوگوخانىسىدا ئا** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ چىقىپ، قۇياش نۇرى ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتۇپ قويغان 新ND3276 نۇمۇرلۇق ماشىنىسسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ ، ماشىننىڭ ئارقا ئورنىغا ئا**نى ئولتۇرغۇزۇپ ھەيدەپ، دوستلۇق يولىدا غەربتىن شەرققە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، قىزىلنۇر يولى بىلەن لىشۈي يولى كېسىشكەن تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئوڭغا ئايلانغان ۋاقىتتا يولدىن چىقىپ يول ياقىسىدىكى گۈللۈككە كىرىپ دەرخكە سۇقۇلغان، قاتناش ۋاستىسىدە ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەن قانتاش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئە**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، نەق مەيداندا دەلىل-ئىسپات ئالغاندىن كېيىن، توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 5022-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ئە**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 213 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652925202009644A-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە : ھادىسە سادىر قىلغۇچى ئە** بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە تولۇق مەسئۇليەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بېكىتىلگەن.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، ئېنىقلاش – تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ئە**نىڭ قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئە**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى قۇشۇمچە 10 مىڭ يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر قادىر
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى .③ 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
评论