شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020)611-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: ئۈXX، ئەر،ئۇيغۇر،19**-يىلى**-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نۇمۇرى : 0519******65212219 ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق ،تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە ، دىھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان ، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2020- يىلى 06- ئاينىڭ 10- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 22- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن
پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئۈXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تىز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020-يىلى 05-ئاينىڭ 26-كۇنى سائەت 03 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ئۆXX ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، 新K**** نۇمۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسنى ھەيدەپ، شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە ** بازار **خەلىققە قۇلايلىق ساقچى ئىشلىرى پونكىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 2778-نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۇرۇش دۇكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا جاۋاپكار ئۆXXتىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى «ml100mg/221.66»دەپ يەكۇن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 3.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. باھالاش يەكۈنى؛ 5. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئۈXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئۈXX دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئۈXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار ئۈXXكە 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش،جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازا تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار ئۈXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1339492.
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا،ئۈن-سىن دېسكىسى بىردانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
Comments
成为第一个评论者
发表评论
评论