欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629
微信咨询律师

起诉书(吾某某危险驾驶案)

2021-09-26 尘埃 0 评论

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

تۇرپان شەھەر ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                ئى ر ت ئە چىقىش (2019) 437-نومۇرلۇق

ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

 جاۋابكار  ئۆXX، ئەر، ئۇيغۇر، 8819-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان كىملىك نۇمۇرى: 1988********652101. ئىدىقۇت رايونى ** يولى ** كىچىك رايونى **-نۇمۇرلۇق بىنا **-ئىشىك **-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى دېھقان، بۇرۇن جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن.  

ئىدىقۇت رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئۆXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىپ كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسىنى قوللانسا كېلىپ چىقىدىغان قانۇنىي ئاقىۋەتلەرنى ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، جاۋاپكار ئۆXX بىلەن دىجۈرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

 مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېكىتكەن جىنايى پاكىتلار  تۆۋەندىكىچە : 

 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 1:20 لار ئەتراپىدا، ئۆXX ھاراق ئىچىپ C1 تىپلىق پىراۋىسى بىلەن 新K***** نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى ئىدىقۇت رايونى ** يولىدا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ ھەيدەپ مېڭىپ، ** يولى بىلەن** يولى كېسىشكەن يول ئېغىزىغا كەلگەندە، شۇجايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ {2019}629-نۇمۇرلۇق ئىسپىرىت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىدا: «ئۆXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئېتىل ئالكاگولنىڭ مىقىدارى 153 مىللىگىرام»  دىيىلگەن .

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپاتلار، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكىرنامىسى، نەق مەيدان سۆرىتى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەسى قانۇنلۇق، مەزمونى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن، راس بۇلۇپ، ئەيىبلەنگەن قىلمىشنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك، جاۋاپكار ئۆXXنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇيدۇ، جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارشىچە: جاۋابكار ئۆXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلىرىنى كۆزگە ئىلماي، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى يولدا ھەيدەپ ماڭغان قىلمىشىدىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راسىت ھەم تولۇق. جاۋابكارنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» 133-ماددىسى بىر مەزمونى، 67-ماددىسى 3-تارمىقى ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاش كېرەك. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونىغان بولۇپ، باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، قانون بويىچە يېنىك ۋە يېنىكلىتىپ جازالاشقا بولىدۇ. شۇڭا، جاۋابكارنى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى›› 176-ماددىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانون بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

                                       تەپتىش :ئاينۇرگۈل ئەخمەت                     

                                   2019-يىلى 12-ئاينىڭ  19-كۈنى

قوشۇمچە :

1. جاۋابكار ئۆXX كېپىلدە.

2. دىلونىڭ ج خ ئارخىبى 2 توپلام، تەپتىش ئارخىبى 1 توپلام، ئەيىبنامىسى 8 نۇسخا ، تۆۋىنامە 1 نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

评论

你的邮件地址不会公开. * 表示必填

Top