ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-ب ج ئە﹝2020﹞2–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئە**، ئەر، ئۇيغۇر، 1976-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021976، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، **شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى(ئاپتوبۇس شوپۇرى). نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى **رايۇنى ** كوچىسى **-نۇمۇر **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆي. قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئە**نىڭ قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 15-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سەھەر سائەت 8:03 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە** ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گوروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىگىدارلىقىدىكى يول يۈرۈش بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان، تاختا نۇمۇرى **新AA61 بولغان **-يول كوچا ئاپتوبۇسىنى شەھىرىمىزنىڭ **رايونى ** كوچىسىدا شەرقتىن غەربكە بولغان يۆنىلىشتە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ، ** كوچىسى **-نومۇرلۇق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول بويىدا كوچا سۈپۈرىۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پ**نى سوقۇپ زەخمىلەندۈرگەن. بۇ قېتىمقى ھادىسىدە، پ**نىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ يىرى زەخمىلەنگەنلىكتىن، شۇ كۈنى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايۇنلۇق چوڭ ئەترىتى بۇ قېتىمقى ھادىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار ئە**بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، پ**دە مەسئۇلىيەت يوق، دەپ بېكىتكەن.
جىنايەت گۇماندارى ئە** 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان.
ئىشتىن كىيىن، **شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گوروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پ**نىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۆلەم كىلىشىمى ئىمزالاپ، دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، بېقىلغۇچىنىڭ تۇرمۇش پۇلى، ئىشتىن قېلىش پۇلى، روھى زىيان تۆلەم پۇلى، قاتناش ھەققى قاتارلىقلار ئۈچۈن جەمئى 795568.77 يۈەن(795 مىڭ 568.77 يۈەن) تۆلەم بەرگەن. جىنايەت گۇماندارى ئە**زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پ**نىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يەنە 10 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىپ، پ** ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئە**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكار ئە**نىڭ پىراۋا ئۇچۇرى، ھادىسىگە چېتىشلىق ئاپتوموبىلنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى ۋە سۇغۇرتا ئىسپاتى، قاتناش ھادىسىسى نەق مەيدان سۆرەتلىرى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پ**نىڭ ھادىسىدىن كىيىنكى دىئاگنوز ئىسپاتى ۋە ئۆلگەنلىك ئىسپاتى قاتارلىقلار؛
2. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: ئە** قاتارلىق ئالتە نەپەر گۇۋاھچىدىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
3. جاۋابكار ئە**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
4. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايۇنلۇق چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى، شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى ئەدلىيىلىك باھالاش پىكىرنامىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى يول قاتناش ھادىسىسىنى باھالاش مەركىزىنىڭ قاتناش ھادىسىسىدىكى ئىزنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، قاتناش ھادىسىسىغا مۇناسىۋەتلىك جەسەتنى قانۇن دوختۇرلۇقى بويىچە تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار؛
5. نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛
6. ھادىسە پەيدا قىلغان ئاپتوموبىلنىڭ تىلكامىرا خاتىرىسى؛
7. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: قاتناش ھادىسىسى تۆلەم كىلىشىمى، تۆلەم پۇلى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئىسپاتى، ئەپۇنامە قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئە**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئە**نىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ، بىر ئادەم ئۆلگەن ئېغىر قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار ئە** ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىنىك جازا بىرىشكە بولىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن
2020–يىلى 4–ئاينىڭ 22–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ئە** بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى: ****1899928؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 3 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
Comments
成为第一个评论者
发表评论
评论