شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 378-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ي**، ئەر، ئويغۇر، **ياش،****-يىلى**- ئاينىڭ **-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:0712*******652925 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،ت**ناھىيىسىدىن،تو** ناھىيە پ** يېزا س** كەنىت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن.
بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ي**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2021) 17-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:
جاۋابكار ي** 2020-يىل 07-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 20:00 دە، توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار بىڭخۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا ن** قاتارلىقلار بىلەن بىللە بەش بوتۇلكا پىۋە ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، سوغوق ئىچىمىلىك دۇكننىڭ ئالدىغا توختىتۇپ قويغان 新NF4605 نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنىڭ ئارقىسىغا ن**نى ئولتۇرغۇزۇپ پىراۋىسىز ھەيدەپ قىزىلنۇر يول بۆلىكىدە شەرقتىن غەربكە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ گۈەن خۇ جۈن ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىدىكى كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە، ئوخشاش يۆنىلىشتە ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلغان 新N7966J نۇمۇرلۇق ماشىنا بىلەن سۇقۇلۇپ،ھادىسە سادىر قىلغان. توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى ھادىسە نەق مەيدانىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ي**نىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلىكتىن گۇمانلىنىپ توقسۇ ناھىيلىك خەلىق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 3851- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ي**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 226 مىللىگىرام» دىيىلگەن.
توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652925202007587-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە« ي** بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئاساسلىق مەسئۇليەت جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ي**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ي**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- مادد، 67-ماددا 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا5 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 10000 مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
باش تەپتىش : يولداش جۈمە
تەپتىش: مۇنىرە ئېلى
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
قۇشۇمچە :
1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
评论